UyghurMain Dictionary
سلاۋېيكوۋ
دۇنيا تارىخى
(1827 - 1895). بۇلغارىيە ئاساسىي قانۇن تۈزۈش مەجلىسىنىڭ رەئىسى (1880)، شائىر. ئوقۇتقۇچى بولغان. 19 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا بۇلغارىيە چېركاۋىنىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىگە قاتناشقان. 1863 - 1872 - يىللاردا ئىستانبولدا <تاڭ> گېزىتى ۋە <ماكېدونىيە گېزىتى>نى چىقىرىپ، مىللىي مۇستەقىللىق، مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە دىنىي جەمئىيەت ئاپتونومىيىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۆھپە قوشقان. 1878 - يىلى بۇلغارىيە ئاپتونومىيىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش مەجلىسىگە قاتناشقان. 1881 - يىلى كىنەز باتتېنبېرگ لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىغا زىيانكەشلىك قىلغان چاغدا، شەرقىي رۇمىلىيىگە قېچىپ كەتكەن. لىبېراللار پارتىيىسىدىكى ئوتتۇرىدىكىلەرنىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى بىلەن مۇرەسسەلىشىشىگە قارشى تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئۆمرىدە نۇرغۇنلىغان لىرىك شېئىرلارنى ۋە ۋەتەنپەرۋەر شېئىرلىرىنى يازغان، <قورقماس ئايال قوماندان> ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە ئەسىرى بولۇپ، ئەختىگە ئوغلى خوف ۋارىسلىق قىلغان.