UyghurMain Dictionary
سگوت
دۇنيا تارىخى
(1771 - 1832) ئەنگلىيىلىك شائىر، تارىخ يازغۇچى. شوتلاندىيىلىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا دادىسىدىن قانۇن ئۆگىنىپ ،ئادۋۇكات بولغان .1800-يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئجادىيەت بىلەن شوغۇللانغان. دەسلەپتە يازغان داستان <مارمىئون >، <كۆل ئۈستىدىكى خانىم > قاتارلىقلارشوتلاندىيە ۋە ئەنگلىيە تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، رۇمانتىزم تۈسىنى ئالغان. 1814-يىلدىن كىيىن ئارقا - ئارقىدىن بەزى تارىخىي رومانلارنى ئېلان قىلغان. بۇ رومانلارنىڭ ۋەقەلىكى كەڭ بۇلۇپ، ئۇلار ئەھلىسەلىپىنىڭ شەرىققە تاجاۋۇز قىلىشى، ئەنگلىيىنىڭ 17 -ئەسىردىكى ئىنقىلابىي ۋە 18 -ئەسىردەفرانسىيە قاتارلىق جايلاردا بولغان تارىخىي ۋەقەلىكلەرگە چېتىلغان. <ئۇئېۋېرلى >، <روب روي>، <گەيمېننېل > قاتارلىقلاردا ئاساسەن شوتلاندىيە خەلقىنىڭ ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرىغاقارشى كۈرىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ <ئايۋېنگۇ>(كونا تەرجىمىسى <ساكسونىيە بۇلاڭ - تالاڭ قىلىنغاندىن كېيىنكى قەھرىمانلار ھەققىدە>)دە ساكسۇنىيە دېھقانلىرىنىڭ نورمان <فېئوداللىرىغا قارشى كۈرىشى تەسۋىرلەنگەن، >خان جەمەتىنىڭ ئوۋچىلار سارىيى<دا پۇرىتانلار بىلەن مۇنارخىستلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ >كۋېنتىن دورۋارد<، >ئەھلىسەلىپىنىڭ قەھرىمانلىقى توغرىسىدا< قاتارلىقلاردا فرانسىيە ۋە ياۋرۇپادىكى تارىخىي ۋەقەلەر تەسۋىرلەنگەن. بۇ ئەسەرلەر ياۋرۇپا تارىخىي رومانلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغان.