Chinese→UyghurMain Dictionary
斯巴会义
دۇنيا تارىخى
سپا يىغىنى
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئانتانتا دۆلەتلىرى گېرمانىيەبىلەن <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى>نى ئىجرا قىلىش توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن يىغىن. <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى> ئىمزالانغاندىن كېيىن، گېرمانىيە ئەسكەر قىسقارتىش ۋە ئۇرۇش چىقىمىنى تۆلەش ماددىلىرىنى ئىجرا قىلىشنى ئارقىغا سۈرگەن. ئانتانتا دۆلەتلىرى 1920 - يىل7 - ئاينىڭ 5 - 16 - كۈنلىرى گېرمانىيە بىەن سابىق گېرمان ئارمىيىسىنىڭ ئالىي باش قوماندانلىق شتابى تۇرغان ئورۇن - سپا شەھىرىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، گېرمانىيە ئارمىيىسىنى قىسقارتىشنى ئىجرا قىلىش كېلىشىمى ۋە تۆلەمنى تاپشۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالاشقا مەجبور بولغان. يىغىن ھەرقايسى غالىب دۆلەتلەرگە تەقسىم قىلىنىدىغان تۆلەم پۇلىنىڭ نىسبىتىنى بەلگىلىگەن، ئەمما گېرمانىيە تۆلەشكە تېگىشلىك تۆلەمنىڭ ئومۇمىي سوممىسىنى بېكىتمىگەن.