Chinese→UyghurMain Dictionary
斯巴达克起义
دۇنيا تارىخى
سپارتاك قوزغىلىڭى
قەدىمكى رىم جۇمھۇرىيىتىنڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى قۇللارنىڭ سپارتاك رەھبەرلىكىدىكى زور قوزغىلىڭى. سپارتاك تراكىيىلىك بولۇپ، ئۇرۇشتا رىملىقلار ئەسرگە ئېلىپ، كاپۇيە شەھىرىدىكى گلادىئاتور تەربىيلەش ئورنىغا گلادىئاتور قۇل قىلىپ ساتقان. ئۇ ئېچىنىشلىق تەقدىردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، مىلادىدىن 73 يىل ئىلگىرى ئەتىياز بىلەن ياز ئارىلىقىداقوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى مەخپىي مەسلىھەتلەشكەن، سىر ئاشكارلىنىپ قالغاندىن كېيىن، ھەمراھلىرىدىن 70 تىن ئارتۇق كىشىنى باشلاپ، يېقىن ئەتراپتىكى ۋېزۇ -ۋىي تېغىغا قېچىپ بارغان. كەڭ قۇللار ۋە نامرات دېھقانلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئارقا- ئارقىدىن كېلىپ ئۇلارغا قوشۇلغان. سپارتاك رەھبەر، كرىكۇس بىلەن ئىننومېي ئۇنىڭ ياردەمچىسى بولغان. قوزغىلاڭچىلار باستۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن ھۆكۈمەت قوشۇنىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. ئۇلارنىڭ قوشۇنى تېز زورايغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ تارىنتۇم قولتۇقىغا بارغان. كېيىن كرىكۇس بىرقىسىم قوشۇننى باشلاپ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلغان ۋە ئاپولىيىدە يوقىتىلغان (كرىكۇس ئۇرۇشتا ئۆلگەن). سپارتاك ئاساسىي كۈچكە باشچىلىق قىلىپ، ئاپپېنن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىنى بويلاپ شىمالغا يۈرۈش قىلغان، شەھەرلەر ۋە قورۇقلارنى ئىشغال قىلغان، ئۇششاق دېھقانلارغا چېقىلمىغان، ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىدىن تەڭ بەھرىمان بولغان، پەقەتلا شەخسلەردە ئالتۇن - كۈمۈش بولۇشنى مەنئى قىلغان. مىلادىدىن 72 يىل ئىلگىرى، رىم ئىككى نەپەر كونسۇلنى ئەۋەتىپ، ھۇجۇم قىلىپ يوقىتىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، مەغلۇپ بولغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئەڭ زورايغان چاغدا، ئېيتىشلارغا قارىغاندا 120 مىڭ كىشىگە يېتىپ بارغان. سپارتاك پىسېنۇدا رىم قوشۇنىنى يەنە مەغلۇپ قىلىپ، پو دەرياسىدىن ئانچە يىراق بولمىغان مورېنا شەھىرىگە ئۇدۇل بېسىپ كىرگەن؛ ئۇ ئالپىس تاغلىرىدىن ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغاندەك قىلىپ، يەنە توختاپ قالغان. ئارقىدىن يەنە جەنۇبقا يۈرۈش قىلغان. رىم شەھىرىدىكى قۇلدارلار ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ، يېڭى ئادەم تېپىپ مەغلۇبىيەت ۋەزىيىتىنى ئوڭشىماقچى بولغان. ئەمما <ھەممەيلەن كۆرسەتمىگەن> (ئاپپىيانۇسنىڭ سۆزى). سىنات چوڭ مالىيە زومىگىرى كراسنى قوماندانلىققا تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا ئىستىبداتقا ئوخشاش ھوقۇق بېرىپ (ئىككى كونسۇلنىڭ قوشۇنىغابىراقلا قوماندانلىق قىلىش)، قوزغىلاڭچىلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن باستۇرۇشقا كىرىشكەن. سپارتاك رىم شەھىرىگە ھۇجۇم قىلماي، قوشۇنىنى يېرىم ئارالنىڭ ئۇچىدىكى بروتۋېنغا ئېلىپ بېرىپ، دېڭىزدىن ئۆتۈپ سىتسىلىيىگە بارماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان.كراس قەدىمكى <ئوندىن بىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش> (سەپتىن قاچقانلارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆلتۈرۈش)نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەمدە قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئارقا تەرىپىدە، قۇرۇقلۇقنىڭ ئەڭ تار جايىدىن ئىككى ئۇچى دېڭىزغا تۇتىشىدىغان خەندەك كولىتىپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ چېكىنىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنغان. سپارتاك دۈشمەننىڭ قامال قىلىشىنى ئۈزۈپ تاشلىغان بولسىمۇ، ئەمما قوشۇنى چارچاپ كەتكەنلىكى، ھەرىكەت نىشانى ئېنىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاخىرى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. بۇ چاغدا يەنە بىر قىسىم قوشۇن ئۇنىڭدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، ئۇزاق ئۆتمەي كراس تەرىپىدىن يوقىتىلغان. سپارتاك لۇكانىيە ئارقىلىق بۇندىسسۇم پورتىغا يۈرۈش قىلغان (گرېتسىيىگە چىقىپ كەتمەكچى بولغان)، ئەمما لۇكۇللۇس باشچىلىقىدىكى رىم قوشۇنىنىڭ بۇ پورتتا قۇرۇقلۇققا چىقىشىغا دۇچ كېلىپ، توسۇلۇپ قالغان. مىلادىدىن 71 يىل ئىلگىرى ئەتىيازدا ئاپۇلىيىدە بولغان ھەل قىلغۇچ جەڭدە، كراس ئىسپانىيىدىن يېڭىلا قايتىپ كەلگەن پومپېئۇسنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولغان، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئاخىرغىچە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، مەغلۇپ بولغان، سپارتاك قەھرىمانلىق بىلەن قۇربان بولغان. رىملىقلارمۇ ناھايىتى زور بەدەل بەرگەن. كراس شەپقەتسىزلىك بىلەن ئۆچ ئېلىپ، 6000 نەپەر ئەسىرنى كرېستقا مىخلاپ ئۆلتۈرگەن. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ رىم قۇلدارلرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇنقەرز بولۇشىنى تېزلەتكەن. ماركس 1861 - يىل 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئېنگېلىسقا يازغان خېتىدە سپارتاكنى تەرىپلەپ <ئېسىل پەزىلەتلىك بولۇپ، قەدىمكى زامان پرولتارىياتنىڭ ھەقىقىي ۋەكىلى ئىدى> دەپ يازغان. سپارتاكنىڭ قەھرىمانلىق ئوبرازى، كېيىنكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىدە مەدھىيلىنىدىغان سيۇژىت بولۇپ قالغان.