UyghurMain Dictionary
سىيام دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
(1) جۇڭگونىڭ تارىخلىرىدا قەدىمكى تايلاندنىڭ نامى. بۇرۇن سىيام ۋە لاۋو دەپ ئىككى دۆلەتكە ئايرىلغان. 14 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا كېيىن ئىككى دۆلەت قوشۇلۇپ، سىيام دۆلىتى دەپ ئاتالغان. سىيام دېگەن نام ھەققىدە، <مىڭ سۇلالىسى تارىخى. چەت ئەل تەزكىرىسى>دە 1377 - يىلى (مىڭ سۇلالىسى خوڭۋۇنىڭ 10 - يىلى) مىڭ خاندانلىقى <سىيام پادىشاھىغا تامغا> ئىنئام بەرگەندىن باشلاپ قوللىنىلغان ياكى 13 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى جۇداگۇەن يازغان <كېخمىرنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى>دە ئالدى بىلەن كۆرۈلگەن دېيىلىدۇ. (2) تايلاندنىڭ كونا نامى. 1939 - يىلى 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تايلاند دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1945 - يىلى 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى سىيام دېگەن كونا نام ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1949 - يىلى 8 - ئايدا يەنە تايلاند دەپ ئۆزگەرتىلىپ تاھازىرغىچە مۇشۇنداق ئاتىلىپ كەلمەكتە.