UyghurMain Dictionary
سىياھ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قارا:
خەت يازىدىغان سىياھ.
1. بۇلۇت ئېرمەس فەلەكنىڭ ئۇچى ئۆزرە جىلۋەگەر بولغان،
باشىمغە سايە قىلغان ھەردەمى بەختى سىياھىمدۇر.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قارا؛ سىياھ بەخت - بەختى قارا، بەختسىز، ئىشى ئوڭمىغان: نامە سىياھ - گۇناھكار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
سۈپ. قارا، قارا رەڭلىك.
ئۇ نېمىشقا ئەرزىمەيدىغان ئىشلارغا كۆڭلىنى سىياھ قىلىدۇ. نېمىشقا بۈگۈنكى كۈننىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ؟!
ئى. خەت يازغاندا گاڭبى ياك شۇنىڭغا ئوخشاش قەلەملەرگە ئىچۈرۈش ئۈچۈن تەييارلانغان رەڭلىك سۇيۇقلۇق.
قىزىل سىياھ.