UyghurMain Dictionary
شىئە مەزھىپىنىڭ مىراس توغرىسىدىكى ئەھكاملىرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇنىڭدا شىئە مەزھىپى (ئاساسلىقى ئون ئىككى ئىمامچىلار) نىڭ مىراسخورلۇق قانۇنى توغرىسىدىكى شەرىئەت بەلگىلىمىلىرى ۋە تەشەببۇسلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. شىئە مەزھىپىنىڭ <قۇرئان كەرىم> گە ئاساسەن ئەھكام چىقىرىشنى چۈشىنىشى سۈننىي مەزھىپىنىڭكىگە ئوخشاش بولغاچقا، شىئە مەزھىپىنىڭ مىراس توغرىسىدىكى ئەھكاملىرى سۈننىي مەزھىپىنىڭكىدىن كېيىن شەكىللەندى. شىئە مەزھىپىدىكى فەقىھلەر ئىسلام دىنى گۈللىنىشتىن بۇرۇنقى قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلغان ئاتا جەمەت ۋارىسلىق تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلىپ، <قۇرئان كەرىم> دە بەلگىلەنگەن نېسىۋە بويىچە ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىنى قوللانماي، <قۇرئان كەرىم> ئەھكاملىرى بويىچە، يېڭى ۋارىسلىق تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقىرىپ، ئەر - خوتۇننى يادرو قىلغان ئۈچ ئەۋلاد بىۋاسىتە قانداشلىق مۇناسىۋىتىدىكىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىدى. بويتاق قالغان تەرەپ (ئەر ياكى خوتۇن) نى مىراسقا مۇقىم ۋارىس قىلىپ، باشقا ۋارىسلارنى ئۈچ دەرىجىگە ئايرىدى: بىرىنچى دەرىجىدىكىلەر: (1) ئاتا - ئانىسى؛ (2) بىۋاسىتە پەرزەنتلىرى، ئىككىنچى دەرىجىدىكىلەر: (1) بوۋىسى، مومىسى؛ (2) ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىل ۋە باشقا پەرزەنتلەر. ئۈچىنچى دەرىجىدىكىلەر: (1) بىر نەۋرە دادىسى، بىر نەۋرە ئانىسى، ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ۋە پەرزەنتلىرى؛ (2) تاغىسى، كىچىك ئاپىسى ۋە پەرزەنتلىرى. ئاتا جەمەت تۇغقانلاردىن ئوغۇل سۈننىي مەزھىپىنىڭ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋارىسلىق قىلىشىغا ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولغاندىن باشقا، قالغان ۋارىسلار ئۈستۈنلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس.