UyghurMain Dictionary
شىئەلەر
دۇنيا تارىخى
ئەرەپچە shiah نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، <مەزھەپ> ياكى <دىنىي گورۇھ> دېگەن مەنىدە. بۇ ئەسلىدە پەقەت ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، كېيىنچە تەرەققى قىلىپ، ئىسلام دىندىكى مۇھىم بىر دىنىي مەزھەپكە ئايلىنىپ، سۈننىي مەزھىپى بىلەن قارىمۇ قارشى مەزھەپ بولغان. ئۇلار پەقەت ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىلا مۇھەممەدنىڭ قانۇنىي ۋارىسى يەنى ئىمام بولالايدۇ؛ ئىمام - ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئالىيرەھبىرى ۋە <ئالاھىدە بەندە>، ئۇ مەڭگۈ خاتالاشمايدۇ؛ ئەڭ ئاخىرقى ئىمام غايىب بولۇپ كەتكەن، ئۇ كەلگۈسىدە مەھدى (قۇتقازغۇچى) سۈپىتىدە دۇنياغا كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. كېيىن شىئە مەزھىپىمۇ زەيىدىيە، ئىمامىيە، ئىسمائىلىيە ۋە باشقا بەزى تارماق مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن.