UyghurMain Dictionary
شۇشنىگ
دۇنيا تارىخى
(1897 - 1977). ئاۋسترىيە زۇڭلىسى (1934 - 1938)، خرىستىئان سوتسىيالىستلار پارتىيسىنىڭ داھىيىسى، ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1932 - 1934 - يىللاردا مائارىپ مىنىستىرلىكىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. زۇڭلى بولغان مەزگىلدە، دىپلوماتىيىدە ئىتالىيىگە مايىل سىياسەت قوللىنىپ، ئىتالىيىنىڭ ئىفىئوپىيىگە تاجاۋۇز قىلىشنىقوللىغان. 1936 - يىلى 7 - ئايدا گىتلېر بىلەن <گېرمانىيە - ئاۋسترىيە كېلىشىمى>نى ئىمزالاپ، فان گېرمانچىلىق پروگراممىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئاۋسترىيە - گېرمان دۆلىتى دەپ ئېتىراپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، دۆلەت ئىچىدە مىللىي سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قارشى تەشۋىقاتنى بېسىپ، مىللىي سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىنى ئومۇمىي كەچۈرۈم قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيسىنى تارقىتىۋېتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى فاشىست كۈچلەرنى ئەشەددىيلەشتۈرۋەتكەن. 1938 - يىلى 2 - ئايدا گىتلېر بىلەن بېرچىتېسگادېندا كېلىشىم تۈزۈشكە مەجبور بولۇپ، ئاۋسترىيىنى گېرمانىيە مەنپەئىتىگە تىز پۈكتۈرۈپ، مىللىي سوتسىيالىستلارنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتىدىكى ئورنىنى كۈچەيتىپ، گىتلېرنىڭ ئاۋستىرىيىنى يوتۇۋېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن.3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، گېرمانىيە ئاۋسترىيەنى قوراللىق ئىشغال قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا،جازا لاگېرىغا سولانغان. 1945 - يىلى 5 - ئايدا قويۇپ بېرىلگەن. كېيىن ئامېرىكىدا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1948 - 1967 - يىللارداسان لوئىس داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئەسلىمە - <ئاۋسترىيە روھىنى تىنچلاندۇرۇش كۈيى>، <گىتلېرغا قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرىشىدە>، <بىر مەھبۇسنىڭ بايانى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.