UyghurMain Dictionary
شۇشەن مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى ئەنخۇينىڭ شۇشەن ناھىيىسىدىكى نەنگۇەن ليۇدۇ رەستىسىدە. بۇ مەسچىتنى بەزىلەر مىڭ سۇلالىسىنىڭ تيەنچى يىللىرى (1621 - 1627 ) سېلىنغان دېسە، بەزىلەر چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا شىمېن سىرتىدىكى مەسچىتكە ئوخشىتىپ قايتا سېلىنغان دەيدۇ. 1845 - 1890 - يىللىرى رېمونت قىلىنغان. ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان خىش تامدىكى نەقىشلەر ۋە يان ئىشىكلەر بېشىدىكى گۈل چىقىرىلغان لەمپىلەردىن بۇ مەسچىتنىڭ ئەسلىدىكى كۆركەملىكىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. قۇرۇلۇش كۆلىمى 936 كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. مېھراب ئەرەبچە خەتلەر بىلەن بېزەلگەن، مۇنبەرنىڭ ئۈستىگە ئۈچ قات لەمپە ياسالغان. ھويلىغا دەرسخانا، مۇستەھەپخانا، كارىدور، گۈللۈك خىش تام سېلىنغان. ھازىر چەنلۇڭ يىللىرىدىن گۇاڭشۈي يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئالتە ئابىدە ئاسار ئەتىقە سۈپىتىدە ساقلانغان.