UyghurMain Dictionary
شۇم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
نىيىتى بۇزۇق، يامان، يارىماس، شۇم:
بىتەلەي، بەختسىز:
1. سالىپ بۇ بەلاغە سېنى نەف شۇم،
قىلىپ باشىغە نەفس ھەۋايىڭ ھۇجۇم.
ئا. نىزارى.
2. قىسمەت تەقدىرىغە چېچەك كەلدى باھانە قىلدىلار،
شۇم بىشەرم قۇلىغىغە يۈزىنى قارە قىلدىلار،
رەڭگى رويلاردىن بۇزۇپ پارە - پارە قىلدىلار،
ئۇچتىلار، بەھرى ئەزرائىل ئالدى، شىكارە قىلدىلار،
تاپشۇرۇبانكى جانلارىن سىرئەتمە مۇنتەھا چېچەك.
موللا سالېھ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ياۋۇز، بەكەتسىز، خەيرسىز، يامانلىق: شۇملانماق - بىر ئىشنى يامانغا سانىماق؛ شۇم ئېغىز - يامانلىققا تارتىدىغان؛ شۇمخەۋەر - يامانخەۋەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يامان تەقدىرگە ئائىت.
شۇم يېسىمۇ بىچارە. شۇم موزاينى ئانىسىمۇ يالىمايدۇ. شۇم رەڭگىدىن بىلىنەر. كېلىن كەلسىمۇ قوينىڭ شورى، ئادەم ئۆلسىمۇ قوينىڭ شورى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
قولىدىن ھەرقانداق ئەسكىلىك كېلىدىغان؛ نىيىتى بۇزۇق، ئەسكى،يارىماس، بۇزۇق.
- قانداقسىغا بۇ شۇم ئوغرى سىزنىڭ ئوقۇغۇچىڭىز بولىدۇ، - سورىدى ئۇ ھەيرانلىق بىلەن.
بەختسىزلىك كەلتۈرىدىغان، ئادەمگە ھالاكەت، پاراكەندىچىلىك ئېلىپ كېلىدىغان، ئادەمدە ۋەھىمە پەيدا قىلىدىغان.
ھېلىقى شۇم قۇيۇن بۇغراجان بىلەن مەغپىرەتخان ئاچىنى ھاياتلىق دۇنياسىدىن ئۇچۇرۇپ ئەكەتتى.
بەختسىز، پالاكەت باسقان، نەس باسقان، قايغۇلۇق.
قۇم يەر - شۇم يەر (ماقال).