UyghurMain Dictionary
شۇلاپۇر قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
ھىندىستاندكى شۇلاپۇر شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئەنگىلىيەگە قارشى قوزغىلىڭى. 1930 - يىلى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى شۇلاپۇر خەلقى نامايىش قىلغاندا ساقچى تەرەپ ئوق چىقىرىپ قىرغىنچىلىق قىلغان. نامايىشچى ئامما دەرھال قايتۇرما زەربىگە ئۆتۈپ، ھەربىي ئىسكىلات ۋە ساقچى ئىدارىسىنى كۆيدۈرۋەتكەن، ساقچى، ئىنگلىزلار ۋە ئەمەلدارلار بېكىنىۋالغان ۋوگزالنى قورشىۋالغان، قوزغىلاڭچىلار شەھەرنى كونترول قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. مۇستەملىكە دائىرلىرى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن. 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى قوزغىلاڭچىلار ھاكىمىيىتىنىڭ ئەزالىرى قولغا ئېلىنىپ، قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان.