UyghurMain Dictionary
شتورمچىلار
دۇنيا تارىخى
قىسقارتىلغان ئاتىلىشى A,S بولۇپ، <ئىلگىرلەش ئەترىتى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەزالىرى قۇڭۇر رەڭ كىتىل كىيگەنلىتىن <قوڭۇر كېتىللىق ئەترەت> دەپمۇ ئاتالغان. 1921 - يىلى گېرمانىيە ناتسىستلار پارتىيسى قۇرغان فاشىستىك يېرىم ھەربىي تەشكىلات. دەسلىپىدە ئاساسەن، ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق سېلىش، باشقا پارتىيە -گورۇھلارنىڭ ئاممىۋى يىغىنلىرىغا ئۈسۈپ كىرىش ۋە كوچىلاردا ئادەم ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1931 - يىلى گىتلېر رومنى كاتىباش قىلىپ تەيىنلىگەن، گىملېرنىڭ ئېسئېسچىلىرىمۇ شتورمچىلار ئەترىتىگە تەۋە بولغان. 1932 - يىلى تەرەققى قىلىپ 400 مىڭ كىشىگە يېتىپ، ناتسىسىتلار پارتىيىسىنىڭ ئاق تېررورلۇق پەيداقىلىش ۋە ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشىدا ئاساسلىق قورال بولغان. 1933 - يىلى گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن تەرەققى قىلىپ، ئىككى مىليوندىن كۆپرەك كىشىگە يەتكەن. كېيىن روم باشچىلىقىدىكى شتورمچىلار ئەترىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئورنىغا ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇپ، ئاتالمىش <ئىككىنچى قېتىملىق ئىنقىلاب>نى تەرغىپ قىلغاندا، گىتلېر 1934 - يىل 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئۇلارنى تازىلاپ چىقىرىۋەتكەن. ئېسئېسچىلار ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن. <روم ۋەقەسى>گە قارالسۇن.