UyghurMain Dictionary
شپىرىس
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<نېمىسچە
تېبابەت
جانلىقلار تېنىگە سۇيۇق ھالەتتىكى دورا، قان قاتارلىقلارنى ئوكۇل قىلىپ سېلىش ياكى بەدەندىن قان ئېلىش قاتارلىق مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئەسۋاب. سىلىندىر شەكلىدە بولۇپ، كۆپىنچە ئەينەكتىن ياسىلىدۇ. ئۇچىغا يىڭنە بېكىتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە>نېمىسچە
<ھەرب> ھەربىي قىسىملارنىڭ قوماندانلىق ئورگىنى.
باش شتاب. پولك شتابى.
بۇ ئورۇنغا يەنە باتاليون شتابى جايلاشقانىدى.
كۆچمە. يەرلىك ئورۇنلاردىكى بىرەر ئىنشائات ياكى قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان فۇنكسىيىلىك ئورگان، رەھبەرلىك ئاپپاراتى.
سۇ قۇرۇلۇشى قوماندانلىق شتابى. ئورما ئاسراش قوماندانلىق شتابى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<نېمىسچە
بەزى كاپىتالىستىك فېدېراتىپ دۆلەتلەردىكى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان مەمۇرىي، تېررىتورىيىلىك بىرلىك.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى. كالىفورنىيە شتاتى.