UyghurMain Dictionary
شىرنە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىشىپ يېتىلگەن مېۋىلەردىكى قەنت ماددىسى، شۇنىڭدىن قىلنغان شېرىن سۇيۇقلۇق.
ئۆلۈم شەربىتى ئاچچىق بولسىمۇ ھەممە ئىچەر. ھەرە يازدا ئىشلەپ، قىشتا شىرنە يەر. شېكەر قىيامىغا يەتكەندە قىيام بولار. شىرنىسى تاتلىق بولسا، يېيىشلىك بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىسى، گۈلى، غولى ياكى بەزى ماددىلار تەركىبىدە بولىدىغان شېرىن سۇيۇقلۇق.
ئۈزۈم شىرنىسى. قوغۇن شىرنىسى. شىرنە باغلىماق.
ھۆل ياكى قۇرۇق مېۋىلەر ۋە بەزى زىرائەتلەردىن قاينىتىپ ئېلىنغان قىيام.
شىرنە قايناتماق.
مەلۇم نىسبەتتە سۇ ۋە شېكەر بىلەن قىيام بولغۇچە قاينىتىپ تەييارلىنىدىغان شىرنىلىك، مۇراببا.