UyghurMain Dictionary
شىرە
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئۈستەل، جوزا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
خام تېرە.
ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنتۇما، شىرە چورۇقۇڭنى قۇرۇتما (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
شىرنە، شەربەت، مېۋىگە تېتىق كىرگۈزگەن ماددا .
ئۈزۈم شىرىسى. * ئۈژمە شىرىسى. * قوغۇن شىرىسى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
شەرۋەت، شىرنە: شىرەئى ئاب - شەرۋەت سۈيى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىشىپ يېتىلگەن مېۋىلەردىكى قەنت ماددىسى، شۇنىڭدىن قىلنغان شېرىن سۇيۇقلۇق.
ئۆلۈم شەربىتى ئاچچىق بولسىمۇ ھەممە ئىچەر. ھەرە يازدا ئىشلەپ، قىشتا شىرنە يەر. شېكەر قىيامىغا يەتكەندە قىيام بولار. شىرنىسى تاتلىق بولسا، يېيىشلىك بولىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇڭى قىرىۋېتىلىپ، مەلۇم يول بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تېرە؛ ئاياغ، چاپان، چامادانغا ئوخشاشلا ياسىلىدۇ.
«كۆن»، «بۇلغارى» ئومۇمىي ئۇسۇل بىلەن نەپىس ئىشلەنگەن كۆن.
«شاۋرۇن» ئۆچكە تېرىسىدىن ئىشلىنىدۇ، كۆپىنچە ئىچلىك قىلىنىدۇ.
كۆن ئۆتۈك كىيدىم دەپ، كۆكسۈڭنى كەرمە. بۇلغارى چىداملىق كېلىدۇ. خۇرۇم چاپاننى دەپ،ئۆزۈڭنى خۇر قىلما. شاۋرۇن ئىچىلىك ئۆتۈك ئالدىم. ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنتۇما، شىرە چورۇقۇڭنى قۇرۇتما. ياخشى ئاتنىڭ تېرىسى قىرىم بولار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش سايمىنى، ئۆي سايمىنى، ئۈستى تۈز، ئاستىدا تىرىكى بار.
<جوزا> خەنزۇچە: 桌子
ئىش ئۈستىلى؛ تاماق ئۈستىلى. ئۈستەلدە خەت يازغاندا قىياپەت تۈز بولسۇن. تاماق شىرەسىگە يېڭى گۈل قويۇپ قويۇلسا، ئىشتىھا ئېچىلىدۇ. لاۋۋاڭ قىزىنىڭ تويىد نەچچە جوزا مېھمان چاقىرىپتۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
شىرە، ئۈستەل
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كالا، تۆگە، ئات قاتارلىق چوڭ مالنىڭ خام تېرىسى.
قورسان دېگەن شىر* شىرە چورۇق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار پىشقاندا ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ھاسىل بولىدىغان تاتلىق سۇيۇقلۇق، شەربەت.
قوغۇن شىرىسى.
تۇخۇم، ئۇن، تۇز قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدىغان بىر خىل خام ئۇماچ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ياغاچتىن تۆت پۇتلۇق، تۆت چاسا ياكى يۇمىلاق قىلىپ ياسالغان تاماق يېيىش، خەت يېزىش قاتارلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سايمان، جوزا، ئۈستەل.
- ئىچكىرىكى ئۆيدە مەن ياتىمەن! - دەپ توۋلىدى گۈلنۇر قولىدىكى قوشۇقنى شىرەگە ئۇرۇپ.