UyghurMain Dictionary
شوخا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شېخىدا سانجىيدىغان نەشتىرى بار چاتقاللار ۋە ياكى پاكار غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر.
تىكەن بولۇپ پۇتقا كىرگۈچە، چىمەن بولۇپ باشقا قادال. سېنىڭ پۇتۇڭغا كىرگەن تىكەن، مېنىڭ كۆزۈمگە كىرسۇن. ئالتۇن توشۇيدىغان تۆگىنىڭ يەيدىغىنى شۇ يانتاق. تۆگىنىڭ مەيلى بولسا يانتاققا بوينىنى ئېگەر. خۇخا سانجىلسا، جاندىن ئۆتەر. شوخسىدىن قورقما، پۇتىقىدىن قورۇق. چىتلاققا جىغان كېرەك. يەر قېرىسا بۇدۇشقاق بولار، خوتۇن قېرىسا ئۇرۇشقاق. بىر ئۇرۇشقاقتىن قورۇق، بىر بۇدۇشقاقتىن.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
جىگدىنىڭ تىكىنى، تىكەن. مەسىلەن:
شوخىلىق جىگدىگە چىقسام،
يىرتىلدى چاپانلىرىم.
سىزنى ئىزدەپ يول يۈرۈپ،
يېرىلدى تاپانلىرىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دەرەخ ياكى چاتقاللارنىڭ تېنىدىن بىخلاپ چىققان يوغان ۋە قاتتىق تىكەن.
جىگدە شوخسى. ئۈرۈك شوخسى.