UyghurMain Dictionary
شوتا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇقىرى - تۆۋەنگە چىقىش - چۈشۈش ئۈچۈن ياسالغان، پەلەمپەيلىك مەخسۇس سايمان.
«باسقۇچ» لوپنۇر دىئالېكتىدا «شوتا» مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ. «باسقۇ» مۇ دېيىلىدۇ.
شوتىنىڭ ئىككى بېشى بار. ھەقىقەت شەيئىلەرنى تونۇشتىكى قورال، كىشىلەرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش ۋە يۇقىرى ئۆرلەش يولىدىكى شوتا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تەڭ ئىككى تال ئۇزۇن ياغاچقا بالداقلارنى مەلۇم نىسبەتتە ئارىلىق قالدۇرۇپ بېكىتىش ئارقىلىق ياسالغان، تۆۋەندىن يۇقىرىغا چىقىش، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە چۈشۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب (ئۇنىڭ ھازىر تۆمۈردىن ياسىلىدىغانلىرىمۇ بار).
ھارۋىنىڭ ئۇلاغ قوشۇلىدىغان ئىككى يان ياغىچى ۋە چاق ھەم ئوقتىن باشقا ھەممە قىسمى.