UyghurMain Dictionary
شيەنمېن سۈلۈكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى خۇفىيە سۈلۈكىنىڭ شۆبىسى بولۇپ، چىڭخەي خۇاڭجۇڭدىكى ھاجى شيەن مېيجىڭ (1661 - 1739) قۇرغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. شيەن مېيجىڭ شىنىڭدا شىنجاڭدىن كەلگەن ئاپاق خوجىنى ۋە مەككىدىن كەلگەن ئابدۇ دۇنراشنى ئۇستاز تۇتۇپ، خۇفىيەنىڭ قائىدىلىرىنى ئۆگەنگەن ھەمدە شىنىڭ قاتارلىق جايلاردا دىننى تەرغىب قىلغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بەشىنچى ئەۋلاد ئىمام شيەن يۈيفىن جەمەتىدىكىلەرنى باشلاپ شنجاڭغا كۆچۈپ كەتكەن. كېيىن يوقىلىپ كەتكەن. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شيەن مېيجىڭنىڭ نەۋرىسى شيەن لىڭيۈەن بىر قىسىم ئادەم بىلەن نىڭشادىكى شىجىغا كۆچۈپ بېرىپ، شىجىدىكى شيەنمېن سۈلۈكىنىڭ تۇنجى تۆرىسى بولغان، ئۇنىڭ ئوغلى يۈي جىڭ (1896 - 6195) ئىككىنچى ئەۋلاد تۆرە بولغان. ئۇلار بەش پەرزگە سەل قاراپ، تەرىقەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىستىقامەتنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىبادەت قىلغاندا ئىشىكنى چىڭ يېپىۋالىدۇ. كىشىلەر كۈجە يېقىپ، زىكر سالىدۇ. ئىسرىقدانغا باش ئۇرىدۇ. ئىمامنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئالقىنىغا سۆيىدۇ. ئىمام زىكرنى باشلاپ بېرىدۇ. باشلاش ئۇسۇلى سىرلىق بولىدۇ. شۇڭا زىكر ئۇسۇلى سىرتقا تارقىتىلمايدۇ.