UyghurMain Dictionary
شياڭگاڭ مۇسۇلمانلار باش ئىبادەتخانىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇرۇن « شىياڭگاڭ شېلى كوچىسىدىكى مەسچىت » دېيىلگەن. بۇ مەسچت شياڭگاڭدىكى جۇڭخۇەن شېلى كوچىسىدا بولۇپ، 1890 _ يىلى سېلىنغان، بۇ مەسچىتنى ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلار سالدۇرغان. 1915 _ يىلى 8 _ ئايدا بومبايلىق ھوسرائوك ئىلياس قايتا سالدۇرغان. ھازىر شياڭگاڭدىكى بەش مەسچىتنىڭ ئىچىدە تارىخى ئەڭ ئۇزۇن مەسچىت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەسچىت تاغ باغرىغا جايلاشقان، يېنىدا باغ، مېھمانخانا بولۇپ، مۇھىتى تىنچ _ پاكىز. ئەرەبچە بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان. سىرتقى كۆرۈنۈشى ئۆزگىچە. نامازخانا كەڭتاشا، كۆركەم، 500 _600 ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ.