UyghurMain Dictionary
شياڭزې ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيسىدىكى خانپەرەس ئوفىتسېر ئاسىۋا سەنرونىڭ چاۋۇشچىلارنىڭ رەھبىرى ناگاتا تېتسۇزاننى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى. ناگاتا تېتسۇزان (1884 - 1935) 1934 - يىلى 3 -ئايدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋازارىتى ئىستروي ئىدارىسى باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى لىنشيەن شىلاڭنىڭ قوللىشى بىلەن خانپەرەسلەرنىڭ تەسىرىنى تازىلاشنى جىددىيلەشتۈرگەن. 1935 - يىل 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى شياڭزې قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋازارىتى ھەربىي ئىشلار ئىدارىسىگە ئۈسۈپ كىرىپ، ناگاتانى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرگەن. 1936 - يىل 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئاسىۋاغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.