Uyghur←ChineseMain Dictionary
شىگې خىكارىنو
دۇنيا تارىخى
重光葵
chóng guāng kuí
(1887 - 1957) ياپونىيىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى. 1911 - يىلى توكيو ئىمپېرىيە داشۆسىدە قانۇن كەسپىنى تۈگەتكەن. ئۇزۇن مۇددەتكىچە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىدە خىزمەت ئىشلىگەن. 1931 - يىلى جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان، <28 - يانۋار> ۋەقەسىدىن كېيىن جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيىسى ھۆكۈمىتىگە تەھدىت سېلىپ <سۇڭخۇ ئۇرۇش توختىتىش شەرتنامسى> ئىمزالاتقان. كېيىنتاشقى ئىشلار ۋازارىتىدە مۇئاۋىن ۋەزىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1936 - يىلى 11 - ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان، 1938 - يىلى 10 - ئايدا ئەنگىلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1942 - يىلى 1 - ئايداۋاڭ جىڭۋېي قورچاق ھاكىمىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولۇپ، قورچاق تەشكىلاتىنى كونترول قىلغان، 1943 - يىلى 4 - ئايدىن 1945 - يىلى 4 - ئايغىچە تويۇجى، كوجى ينېدىن ئىبارەت ئىككى نۆۋەتلىك ئىچكى كابېنتنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى، كوجىينې ئىچكى كابېنتتا بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا قوشۇمچە ۋەزىرى بولغان. 1945 - يىلى 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خىگاشى كۇرې ئىچكى كابىنېتتا تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان، ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ۋەكىل بولۇپ شەرتسىز تەسلىم بولۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان (9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى). كېيىن بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچسى سۈپىتىدە قولغائېلىنغان. 1948 - يىلى يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتتا يەتتە يىللىق قاماق جازاسىھۆكۈم قىلىنغان. 1950 - يىلى قاماقتىن كېپىللىككە بېرىلگەن. 1952 - يىلى ئىسلاھات پارتىيىسىنىڭ لېدىرلىقىغا سايلانغان. 1954 - يىلى دېموكراتلار پارتىيسىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى بولغان. 1954 - يىلى 12 - ئايدىن 1956 - يىلى 12 - ئايغىچە ئۈچ قېتىملىق خاتوياما ئىچكى كابېنتنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ھەمدە ئىككىنچى، ئۈچىنچى قېتىملىق ئىچكى كابېنتتا قوشۇمچە مۇئاۋىن باش ۋەزىرى بولغان. <دىپلوماتىيە ئەسلىمىلىرى>، <جياۋخى يىلىدىكى غەليان> ۋە <ئۆردەك يوقىتىش خاتىرىلىرى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.