Uyghur←ChineseMain Dictionary
شىگېللا باكتېرىيىسى
Domain: بىئولوگىيە志架氏菌
zhìjiàshìjūn
ئۈچەي تاياقچە باكتىرىيە ئائىلىسىدىكى بىر ئۇرۇقداش. ئۇ باكتېرىيە خاراكتېرلىك دىزېنتېرىيىنىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچىسى. شۇڭا <دىزېنتېرىيە تاياقچە باكتېرىيىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گرام مەنپىي خۇسۇسىيەتلىك، قوشۇمچە ئوكسىگېنسىز نەپەسلىنىدىغان كىچىك تاياقچە باكتېرىيە، بىخ سپورا ھاسىل قىلمايدۇ، ۋە قىل ئاياغلىرى بولمايدۇ. كاپسۇلىمۇ ھاسىل قىلمايدۇ. ئادەتتىكى ئۆستۈرگۈچتە ئۆسۈشى ياخشى بولۇپ گلۇكوزىنى ئېچىتىپ كىسلاتا ھاسىل قىلىدۇ، گاز ھاسىل قىلمايدۇ. كۆپ ساندىكىلىرى لاكتۇزىنى ئېچىتمايدۇ، گىندورسۇلفىد ھاسىل قىلمايدۇ، لىمونات كىسلاتاسىدىن پايدىلىنالمايدۇ. بىئوخىمىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇلار تولغاق شىگېللا باكتېرىيىسى، سونبۇتال شىگېللا باكتېرىيىسى ۋە فىللېگ باكتېرىيىسى، ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرنىڭ كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ۋە مۇھىت شارائىتقا بولغان قارشىلىق كۈچى پەرقلىق بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئادەمگە كېسەل يۇقتۇرۇش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ، زېھىنلىك ھايۋانلاردىمۇ بەلگىلىك كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئادەتتە باشقا ھايۋانلارغا يۇقمايدۇ. باكتېرىيە خاراكتېرلىك تولغان ئاساسەن يېمەكلىك ئارقىلىق تارقىلىدۇ. چىۋىن ئۇنىڭ مۇھىم تارقاتقۇچىسى.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.