UyghurMain Dictionary
شەرتلىك رېفلېكس ئۇسۇلى
پسىخولوگىيە
بۇ پاۋلوۋنىڭ شەرتلىك رېفلېكس ھاسىل قىلىش ئۇسولى ئارقىلىپ تەسىر چېكىنى ئېنىقلاشتىن ئىبارەت. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ۋاقىتلىق باغلىنىشنى شەكىللەندۈرۈشتىكى ئەڭ كىچىك تەسىر مىقدارى تەسىرنىڭ مۇتلەق چېكى ھېسابلىنىدۇ. دىففېرېنسىيىلەش تەجرىبىسى ئارقىلىق پەرق چېكىنى تاپقىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئېنىقلانغان تەسىر چېكىنىڭ قىممىتى ئادەتتە ئاغزاكى مەلۇم قىلغان تەسىر چېكىنىڭ قىممىتىدىن تۆۋەن بولىدۇ. چۈنكى، شەكىللەنگەن ۋاقىتلىق باغلىنىشنىڭ سەزگۈ پەيدا قىلىشى ناتايىن. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرتلىك رېفلېكس ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆلچەش نەتىجىسى فىزىئولوگىيىلىك تەسىر چېكىنىڭ قىممىتى (يەنى فىزىئولوگىيىلىك ئۈنۈم بېرىدىغان ئەڭ كىچىك تەسىر مىقدارى ) بولۇپ، سەزگۈ چېكى ئەمەس.