UyghurMain Dictionary
شەرت
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تەلەپ، ئەھدە، ۋەدە.
شەرت قويماق. * شەتلەشمەك. * شەرتنامە. * شەرتى كېتىپ، پەرتى قالماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
زۆرۈر، لازىم، كېرەك.
تاج كىيىمەك ئىنسان ئۈچۈن شەرت ئەمەس، لېكىن ۋىجدان ئىگىسى بولۇش شەرت.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بېجىرىلىشى تەلەپ قىلىنىدىغان ئىش؛ بىرەر نەرسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن لازىم بولغان ئەھۋال، شارائىت:
لازىم، كېرەك:
قۇلاق، باش، قول، ئاياغدىن ئادە ئولغان مۆئتەبەر ئېرىمەس،
بۇ يول قەتئىدە بىھەد شەرت ئېرۇر مەشرۇتى ئىنسانغە.
ناقىس.
2. ئاندادۇر شەرت تەۋازوئ ساڭا،
ئۇترۇسىدە قەتئىي تەۋەققۇئ ساڭا.
نەۋايى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر ئىش، مەسىلە ئۈستىدە يازما ياكى ئاغزاكى يوسۇندا تۈزۈلگەن كېلىشىم، توختام؛ ۋەدە، ئەھدە.
ئىككى تەرەپ كېلىشكەن شەرتلەرگە قول قويدى.
ئۆزئارا شەتلىشىۋاتقان ياكى بىرەر مۇناسىۋەتتە بولۇۋاتقان تەرەپلەردىن بىرىنىڭ يەنە بىرىگە قارىتا قويغان تەلىپى، تەكلىپى.
شەرت قويماق.
مەلۇم ئىش تۈپەيلى بېكىتىلگەن ئۆلچەم ياكى بۇ ئۆلچەم ئاساسىدا ھازىرلاش زۆرۈر بولغان مۇۋاپىق تەرەپلەر.
كۆرسىتىلگەن شەرتلەرگە ئارزۇگۈل تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلەتتى.
<پەلس> شەيئىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئامىل، سەۋەب؛ پايدىلىق شارائىت؛
جىرىم تىكىپ، ئورمان بىنا قىلىش - دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي شەرتى.
كېسىم ۋەزىپىسىدە كېلىپ <زۆرۈر>، <كېرەك>، <لازىم> قاتارلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
مىللىي خۇسۇسىيەتلىرىمىزنى ساقلايمىز دەيدىكەنمىز، مىللىي خۇسۇسىيەتلىرىمىزمۇ بىزنى ساقلىيالىشى شەرت.