UyghurMain Dictionary
شەرقىي ھىندۇنېزىيە پارتىيىسى
Domain: دۇنيا تارىخىھىندۇنېزىيىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن گوللاندىيىلىكلەر قۇرغان ئىلغار سىياسىي تەشكىلات. 1912 - يىلى قۇرۇلغان. قۇرغۇچىسى دېككېر. بارلىق ھىندۇنېزىيىلىكلەرنى يەنى ھىندۇنېزىيىدە تۇغۇلۇپ - ئۆسكەن، ھىندۇنېزىيىنى ۋەتەن قىلغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھەممىسىنى مىللەت ئايرىماي، بىردەك باراۋەر بولۇش، ئاخىرقى ھېسابتا گوللاندىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك ھىندۇنېزىيىدە تۇغۇلغان گوللاند - ھىندى ئارغۇنلىرى ئىدى. مەزكۇر پارتىيىدىكىلەر گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى دائىرلىرىگە قارشى بولغانلىقى ئۈچۈن، كۆپ ساندىكى رەھبەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن چېگرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان. 1913 - يىلى تارقىلىپ كېتىشكە مەجبور بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.