UyghurMain Dictionary
شەرم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئۇيات، نومۇس:
ئەدا فەھم ئىشۋەگەر، ساھىب كەرەشمە،
ئارىغ سۇرەت، رەقاسە، شەرم چەشمە.
ناقىس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئۇيات، ئار، نومۇس، ھايا: شەرم ھايا - ئۇياتماق، يامانلىقتىن قاچماق، ئۆزىنى تارتماق، يوشۇرماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەمنىڭ ئۆز ئىززەت - ھۈرمىتىنى ساقلاش، قەدىرلەش تۇيغۇسى.
نومۇس مەسىلىسى - ئالاھىدە غۇرۇرلۇقنىڭ بەلگىسى. ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش. نومۇسىنى بىلمىگەن ئادەمدە گۈزەل ئەخلاق بولماس. ئېگىز تاغدا قار بولار، مەرد يىگىتتە ئار بولار. شەخسىيەتچىلىككە بېرىلگەن ئار - نومۇسىنى ئۇنتۇر. ئۇيات تۇرغان يەردە، ئىمان تۇرار. كېپەكتە قۇۋۋەت يوق، ئابدالدا ئۇيات. - كىشىدىن ھايات كەتسە، ئورنىغا بالا كېلەر. ھايا بار يەردە ۋاپا بار. قىزنىڭ كۆركى شەرم - ھايا. ئىزا ئۆلۈمدىن قاتتىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
نومۇسلۇق ئىش ۋە ھەرىكەتلەردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش، خىجىل بولۇش ھېسسى؛ ھايا، نومۇس، ئار.
پۈتۈن دىققەت، كۆزلەر ئىدى ئېكراندا، پەقەت مەنلا كۆيەر ئىدىم ئارماندا، تۈگىگەنتى شەرمىم مېنىڭ شۇ ئاندا، بۇ ئايالنى سۆيۈپ ئالماق بولدۇممەن.