UyghurMain Dictionary
شەرىفىيە سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
پەيغەمبەر جەمەتىدىن بولغان شەرىف (ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغلى ھەسەننىڭ جەمەتى) ماراكەشتە قۇرغان ئىسلام ھاكىمىيىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ سۇلالە ھاكىمىيەت بىلەن دىننى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. پادىشاھ ھەم ئالىي دىنىي داھىي بولدى. تەختكە پادىشاھ ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلدى. بۇ سۇلالىنى تۆۋەندىكى ئىككى تارماق سىستېما: (1) شادىس سىستېمىسىدىكى ئەسەد سۇلالىسى (1511 - 1659) دىن مۇھەممەد مەھدى قايىم (1511 - يىلىدىن 1517 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى) قۇردى. شادىس جەمەتى ماراكەشنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى سۇس رايونىغا ئىگە ئىدى. كېيىن شىمالغا كېڭىيىپ، پورتۇگالىيىلىكلەرنى چېكىندۈرۈپ، ماراكەشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، فىستا ھاكىمىيەت قۇردى. گۈللەنگەن دەۋرىدە دائىرىسىنى سېنېگال، بورنو ئەتراپىغا يەتكۈزدى. 17 - ئەسىردە ئىچكى بۆلۈنۈش تۈپەيلىدىن سۇلتانلىق ئاجىزلىشىپ كەتتى. (2) فرالىس تارماق سىستېمىسىدىكى ئەلەۋىيە سۇلالىسى (1631 - ؟)، بۇ سۇلالىنى مۇھەممەد Ⅰ شەرىف (1631 - يىلىدىن 1635 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) قۇردى، فرالىس جەمەتى ماراكەشنىڭ شەرقىي قىسمىغا ئىگە ئىدى. شادىس سۇلتانلىقى خارابلاشقاندىن كېيىن، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، 501 مىڭ قۇلدىن تەركىب تاپقان قوشۇن قۇردى. ئارىدىن ئۇرۇن ئۆتمەي شەرىفنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى قورال كۈچىگە تايىنىپ ئەسلىگە كەلتۈردى. 18 - ئەسىردە پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكچى قوشۇنىنى يېڭىپ، شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن سودا قىلىپ، سۇلالىنى كۈچەيتىۋالدى. 19 - ئەسىردە تاجاۋۇز قىلىپ كەلگەن فرانسىيە قوشۇنى (1844) غا ۋە ئىسپانىيە قوشۇنى (1859 - 1860) غا زەربە بەردى. 1219 - يىلى فرانسىيىنىڭ ھامىيىلىقىدىكى جاي بولۇپ قالدى. 1956 - يىلى مۇستەقىللىققا ئىگە بولۇپ، سۇلالىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.