UyghurMain Dictionary
شەرىف
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
شەرەپلىك، ئۇلۇغ، قەدىرلىك، ئەزىز:
ھۇسن ئېلى ئىچرە سېنىڭدەك يوقتۇرۇر ھەرگىز شەرىف،
بارچە مەھۋەشلەر سېنىڭ ئالدىڭدا باردۇرلار كەشىف.
قەلەندەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
شاراپەتلىك، قەدىرلىك، ئۇلۇغ، ئەزىز.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ ئەسلىي مەنسى «ئالىيجاناب»، يەنى «پەيغەمبەر ئەۋلادى» دېگەنلىك بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمە ۋە ھەزرىتى ئەلى ئارقىلىق داۋاملاشقان ئەۋلادلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. يېقىنقى زاماندا مەككىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى، ئىراق ۋە ماراكەشنىڭ پادىشاھلىرى مۇشۇ نام بىلەن بۈۋى فاتىمەنىڭ چوڭ ئوغلى ھەسەننىڭ ئەۋلادلىرىغا ۋەكىللىك قىلدى. كېيىن ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى كېلىپ چىقىش مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى سىياسىي ئورۇنغا ئىگە كىشىلەر شۇنداق دېيىلىدىغان بولدى.