UyghurMain Dictionary
شەھەر پۇقرالىرى ئۇيۇشمىسى
Domain: دۇنيا تارىخىپراگا شەھەر پۇقرالىرى بىرلەشمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1846 - يىلى چېخنىڭ پراگا شەھىرىدە قۇرۇلغان بۇرژۇئا سىياسىي تەشكىلاتى. بۇ تەشكىلات فېئودال ئاقسۆڭەكلەر بىلەن مۇرەسسەلىشىشنى، ئاۋسترىيە مەركىزىي ئىمپېرىيىسى ھاكىمىيىتىنىڭ تىزگىنلىشىدىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى، ئاز تولا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ياكى بىر ئىمپېرىيە ئىتتىپاقى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1848 - يىلى 3 - ئايدا، پراگا خەلق قوزغىلىڭىنى مۇرەسسەچىلىك يولىغا باشلىغان. 6 - ئايدا ئىنقىلابقا قارشى تۇرۇش مەيدانىغا ئۆتۈپ كەتكەن. 7 - ئايدا ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسى پارلامېنتى سايلىمىدا، بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرىدىن پالاتىسكىي قاتارلىق كىشىلەر پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.