UyghurMain Dictionary
شاپتۇل
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئازغان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ياغاچ غوللۇق يوپۇرماق تاشلايدىغان مېۋىلىك دەرەخ
بولۇپ، شاخلىرى سىلىق، يوپۇرمىقى ئۇزۇن ھەم ئېللىپس شەكلىدە، گۈلى ھال رەڭ ۋە تاق ھالەتتە ئۆسىدۇ. مېۋىسى سەل - پەل شار شەكلىدە بولۇپ،
يۈزىدە قىسقا تۈكلىرى بولىدۇ، تەمى تاتلىق، سورتى كۆپ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقان مېۋىسى، مېغىزى ۋە يېلىمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يازدا مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسى ۋە مېغىزىنى يىغىۋېلىپ
مېۋىسىنى قۇرۇتۇپ، ئۈچكىسىنى چېقىپ مېغىزىنى ئايرىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.
تەبىئەتنى يۇمشىتىش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، مېڭىنى سوۋۇتۇش، تەپلەرنى پەسەيتىش،
قان ۋە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش، باھ، ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
شاپتۇلنىڭ ئوبدان پىشقىنىنى ئېلىپ، سىقىپ سۈيىنى بىر كېچە قويۇپ، دۇغى تېگىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئەتىگەندە 200 گرامنى شېكەر
ياكى تەرەنجىبىن بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، غەيرىي تەبىئىي سەپرانى ھەيدەيدۇ.
شاپتۇلنىڭ پىشقان مېۋىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا، مېڭىنى سوۋۇتۇپ، مىجەزنى ھۆللەشتۈرىدۇ؛ غەيرىي تەبىئىي سەپرا ۋە
تەپلەرنى پەسەيتىپ، ئېغىزنىڭ سېسىقلىقىنى يوقىتىدۇ.
شاپتۇل مېغىزى، كىرەش، قىزىل چۇغلۇق، زاراڭزا قاتارلىقلاردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
تۆت گرام شاپتۇل مېغىزىنى بەش گرام كەتمەن قوڭغۇزى، 12 گرام كىرەش، ئالتە گرام يېكەن سېرىقى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ
بەرسە، يىقىلىش - ئۇرۇلۇشتىن بولغان زەخىمگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام شاپتۇل مېغىزىنى 10 گرام پىيزەك، 12 گرام قانتېپە، 35 گرام كىرەش، 30 گرام خام كەتىرا، سەككىز گرام رەۋەن، سۇلۇك ئالتە گرام،
5.2 خام كۆكۈيۈن بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇ راكىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
شاپتۇل يېلىمىدىن 12 گرام ئېلىپ ئازراق ئاق شېكەر قوشۇپ قاچىغا سېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاقسىل سىيىشكە مەنپەئەت
قىلىدۇ.
شاپتۇل چېچىكىدىن تۆت گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر گرام تالقاننى قايناق سۇ
بىلەن ئىچىپ بەرسە، قورساققا سۇ چۈشۈش ۋە سۈيدۈك تۇتۇلۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
شاپتۇل يوپۇرمىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ باشنى يۇيۇپ بەرسە، باشنىڭ پىتىنى يوقىتىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال ئېگىزلىكى شاپتۇلنىڭ يۇرتى بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ3000 يىلدىن ئارتۇق ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە. شاپتۇل خەلق ئىچىدە ئەزەلدىنلا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەشنىڭ سىمۋولى قىلىنغان. كىچىكلەر ھەر نۆۋەت چوڭلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەندە، دائىم ئۆمۈر تىلەش شاپتۇلىنى سوۋغا قىلىدۇ. كونىنى ئۇزىتىپ يېڭىنى كۈتۈۋالىدىغان چاغان بايرىمىدا، ئۆي - ئۆيلەردە شاپتۇلغا ئوخشىتىلغان باھار بايرىمى مەسنەۋىسى ئېسىپ، تىنچ - ئامانلىقنى تىلەيدۇ. رىۋايەتلەردە سۈن ۋۇكۇڭ تەڭرى ئانىنىڭ سېھىرلىك شاپتۇلىنى ئوغرىلىقچە يەپ قويۇپ بالادا قالغانلىقى سۆزلىنىدۇ.
شاپتۇل ئەتىرگۈل ئائىلىسىگە كىرىدىغان، يوپۇرماق تاشلايدىغان كىچىك دەرەخ. گۈلى يالغۇز ئۆسىدۇ، كۆپلىرىنىڭ رەڭگى ھال رەڭ بولىدۇ. توق قىزىل، قىپقىزىل، ئاپئاق ۋە ئاق - قىزىل ئارىلاش كەلگەن قاتارلىق رەڭلەردىكى ئۆزگەرگەن سورتلىرىمۇ بار. مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدىغان شاپتۇل، مەسىلەن، قات تاجلىق شاپتۇلگۈلدىن باشقا شاپتۇل دەرەخلىرى ئومۇمەن ئۆز گۈلىدىن چاڭلىشىپ ئۈچكىلىك مېۋە تۇتىدۇ. مېۋىلەش نىسبىتى %80 − %90 كە يېتىدۇ.
شاپتۇلنىڭ پۈتۈن دۇنيادا3000 دىن ئارتۇق سورتى، مەملىكىتىمىزدە800 دىن ئارتۇق سورتى بار، ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى سورتلىرىنىڭ پىششىش مەزگىلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، مەملىكىتىمىزدە ھەر يىلى ئاپرېلدىن باشلاپ ھەر ئايدا يېڭى شاپتۇللار بازارغا سېلىنىدۇ.
مېۋىسى ئەڭ يوغانلىرى شەندۇڭنىڭ «فېيچىڭ فوتاۋ» شاپتۇلى ۋە «شېنجۇ شۈي مىتاۋ» شاپتۇلى بولۇپ، چوڭلىرى500 گرامدىن ئاشىدۇ. رىۋايەتلەردىكى «سېھىرلىك شاپتۇل» − سېرىق شاپتۇل ھازىر سېرىق گۆشلۈك شاپتۇل دەپ ئاتىلىدۇ، غەربىي جەنۇب، غەربىي شىمال رايونلىرىدا ناھايىتى كەڭ ئۆستۈرۈلىدۇ، كونسېرۋالىق يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەشكە باب كېلىدۇ. «شەرقىي دېڭىز مۇقەددەس دەرىخى» دەپ ئاتالغان ئەنجۈر شاپتۇل ئاساسلىقى جياڭسۇ، جېجياڭ ئەتراپلىرىغا تارالغان. ئېسىل شاپتۇل مېۋىلىرى قاتاردىكى جېجياڭ فىڭخۇا رايونىنىڭ «يۈلۇتاۋ» شاپتۇلىنىڭ تەمى تاتلىق، خۇشبۇي پۇرىقى ئۆتكۈر، سۈپىتى ناھايىتى ياخشى، شىنجاڭدىمۇ ئەششاپتۇل، ياما شاپتۇل، توقاچ شاپتۇل قاتارلىق داڭلىق سورتلىرى بار بولۇپ، ناھايىتى سۇلۇق ھەم مەززىلىك.
مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدىغان گۈللۈك شاپتۇللار ئىچىدە قات تاجلىق شاپتۇلگۈل ئەڭ ئېسىل سورتى ھېسابلىنىدۇ. قات تاجلىق شاپتۇلگۈللەر ئىچىدە يەنە قىزىل گۈللۈك (قىپقىزىل گۈللۈك) قات تاجلىق شاپتۇلگۈل ۋە چوڭ گۈللۈك قات تاجلىق شاپتۇلگۈل دەرەخلىرى ئەڭ كۆركەم ھېسابلىنىدۇ. يەنە پاكار ئۆسىدىغان، تەشتەكلەردە ئۆستۈرۈلىدىغان «ئۆمۈر چولپىنى شاپتۇلى»، رىۋايەتلەردە تىلغا ئېلىنىدىغان «پەرىزات شاپتۇلى» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدىغان ئاتاقلىق سورتلىرىدۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بوتانىكا
ئازغان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان مېۋىلىك دەرەخ. سورتى كۆپ. مېغىزىنى دورىغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
شۇ خىل دەرەخنىڭ مېۋىسى.
پەيزاۋات ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.