UyghurMain Dictionary
شاپپېر
دۇنيا تارىخى
(1812 - 1870) گېرمانىيەۋە خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئەربابى.يېزا باستېرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپ ھېسېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ستۇدېنتلار جەمئىيىتى مەخپىي قوزغىلىڭىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان، قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن شۋېتسارىيىگە چىقىپ كەتكەن. 1834 - يىلنىڭ بېشىدا ياش گېرمانىيە تەشكىلاتىغا قاتناشقان. مادزىنى تەشكىللىگەن قوزغىلاڭغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر نۆۋەت تۇتقۇن قىلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي شۋېتسارىيىدىن قوغلانغان. 1836 - يىلى پارىژدا ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقىغا قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان. 1839 - يىلى بلانكى رەھبەرلىك قىلغان <تۆت پەسىل ئۇيۇشمىسى> قوزغىلىڭىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، فرانسىيە دائىرلىرى تەرىپدىن قولغا ئېلىنغان. 1840 - يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، ئەنگلىيىگە كەتكەن. 4718 - يىلى ماركىس، ئېنگېلسنىڭ ياردىمى بىلەن ئىلمىي سوتسىيالىزم پرىنسىپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش خىزمىتىگە قاتناشقان. كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن كېيىن،مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى بولغان. 1848 - يلى گېرمانىيىگە قايتىپ بېرىپ، ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە ئاتلانغان. 1850 - يىلى ۋىللىخ بىلەن مەزھەپچىلىك گۇرۇھى ئۇيۇشتۇرۇپ، تەۋەككۈلچىلىك تاكتىكىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ بۆلۈنۈشىگە سەۋەب بولغان. 1856 - يىلى خاتالىقلىرىنى تونۇپ، ماركىس، ئېنگېلس بىلەن ياراشقان. 1865 - يىلى 5 - ئايدا بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال باش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. كېيىن كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.