UyghurMain Dictionary
شان شەرەپ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان زور ھۆرمەت، قەدىر - قىممەت، ئابروي، ئىجابىي خىسلەت، چوڭ داڭق.
ئالىيجاناب ئادەم شان - شەرەپنى جېنىدىن ئارتۇق بىلىدۇ. ھەقىقەت يولىدا ئازاب چېكىشمۇ شەرەپ. شەرەپ بىلەن غەلبە بىر تۇغقان قوشماق. شۆھرەتكە ئىنتىلىش ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ رەزىل ھەۋەستۇر. بىلمەمسەن، كىمكى بۇزدى ئەھد - پەيمان، بۇ توپتا تاپمىدى شەۋكەت يا شان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئاتاق - ئابرۇي، پەخىر - ئىپتىخار.
نومۇس، ئىزا، ئاھانەت، ئىزا - ئاھانەت، ئار - نومۇس
خىجىللىق ۋە ئۇيىلىش تۇيغۇسى.
ئىقتىسادچىللىق شەرەپ، ئىسراپچىلىق نومۇس. شەرەپ بىلەن غەلىبە - بىر تۇغقان قوشماق. بەيگىگە چۈشكەن ئات ئېگىسىگە يا شەرەپ كەلتۈرەر، يا ئىگىسىنى نومۇسقا قالدۇرار. ئالىيجاناب ئادەم شان - شەرەپنى جېنىدىن ئارتۇق بىلىدۇ. شۆھرەتكە بېرىلىش - ئەڭ رەزىل ھەۋەس. ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش. ئېگىز تاغدا قار بولار، مەرد يىگىتتە ئار. ئىزا ئۆلۈمدىن قاتتىق. شەخسىيەتچىلىككە بېرىلگەن ئار - نومۇسنى ئۇنتار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
شان ۋە شەرەپ، پەخىر ۋە ئىپتىخار، ئاتاق - ئابرۇي.
ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك بولۇش - پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى، شان - شەرىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش.