UyghurMain Dictionary
شانكىر
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<فرانسوزچە
تېبابەت
بىر خىل جىنسىي كېسەللىك. قاتتىق شانكىر ۋە يۇمشاق شانكىر دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. قاتتىق شانكىر سىفلىسنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولۇپ، بۇنىڭدا جىنسىي ئەزا، تىل ۋە لەۋ قاتارلىقلاردا جاراھەت پەيدا بولىدۇ ھەمدە كېسەل ئوچىقىنىڭ ئاستى قىسمى قاتتىقلىشىدۇ، ئاغرىتمايدۇ. يۇمشاق شانكىرنى يۇمشاق شانكىر تاياقچە باكتېرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدا جىنسىي ئەزانىڭ سىرتقى قىسمىدا جاراھەت پەيدا بولۇپ، كېسەل ئوچىقىنىڭ ئەتراپ توقۇلمىلىرى يۇمشاقلىشىدۇ ۋە قاتتىق ئاغرىيدۇ.