UyghurMain Dictionary
شامپان
دۇنيا تارىخى
فرانسىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى رايوننىڭ نامى. بۇ رايوندا تەخمىنەن مىلادى 854 - يىلى گرافلىق قۇرۇلغان. جۇغراپىيىۋى ئورنى ئەپلىك بولغاچقا 12 - ئەسىردىن14 -ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگىچە ياۋرۇپادىكى خەلقئارا سودىنىڭ مۇھىم مەركىزىگە، يەنى داڭلىق شامپان بازىرىغا ئايلىنىپ قالغان. مەزكۇر رايوندىن ئېقىپ ئۆتىدىغان مارنې دەرياسىنىڭ يۇقىرىغا جايلاشقان سىئارون دېگەن جايىدا ئۈزۈم ھارىقى (ئادەتتە شامپانىسكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) كۆپلەپ ئىشلەپ چىقىرىلغان. 1284 - يىلى گراف ۋارىسى جېننې فرانسىيە شاھزادىسى فىلىپقا ياتلىق بولغان. ئىككىنچى يىلى فىلىپ تەختكە ئولتۇرۇپ فىلىپ Ⅳ دەپ ئاتالغان. شامپان رايونى بارا -بارا فرانسىيىنىڭ زېمىنىغا قوشۇلۇپ كەتكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
فرانسىيىدىكى بىر جاي ئىسمى. بۇ جاي شامپان ھارىقى چىقىرىش بىلەن داڭ چىقارغان (champagne).
شامپان ھارىقى.