UyghurMain Dictionary
شاملىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. چۆگۈن، چەينەك قاتارلىقلارنىڭ چاي قۇيغان چاغدا چاينىڭ شامىسى چىنىگە چۈشۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئورنىتىلغان ياكى ئايرىم ياسالغان سۈزگۈچ.
سۈپ. شامىسى بار، شامىسى كۆپ.
- نېمانداق شامىلىق چاي بۇ، چاي ئىچەمدىمىز، شاما چاينامدىمىز؟ - بۇرۇتلۇق يىگىت ئاشپەز تەرەپكە قاراپ ۋارقىرىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
شامى بار، شام قادالغان، شام ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
- مەن ئەسلىدە ھەممە پانۇسنى ئېلىپ قالاي دېۋىدىم، سىلەرنى ئازابقا قالارمىكىن دەپ 81 شاملىق گۈللۈك پانۇسنىلا ئېلىپ قالىدىغان بولدۇم، - دەپتۇ ئۇ سىلىق ئاۋازدا.