UyghurMain Dictionary
سەنج
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
بىرىككەن سۆزنىڭ ئىككىنچى تەركىبىدە كېلىپ، تارتقۇچى، چەككۈچى، قىلغۇچى قاتارلىق مەنىلەرنى ئاڭلىتىدۇ.
سايەئى سەرۋ مەنۇ يار گۇلۇ بوستانى،
نەغمەسەنج بۇلسە دەغى بۇلبۇل خۇسىلھانى.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سۆز بىرىكمىسىدە ئۆلچۈگۈچى، تارتقۇچى، قىلغۇچى؛ تەرمەك، چەكمەك، چالماق (نەغمە) مەنىلىرىدە كېلىدىغان ياردەمچى سۆز. خەزانە سەنج - خەزىنىچى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: بولدى تۈركىستان زەمىن ئىچرە زەلىلى نەغمە سەنج، مۇسەمىئدۇر كىم گۈلىستان قۇشلەرى ئەمدى كېلىپ. (زەلىلى)