UyghurMain Dictionary
سەندەل
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تۆمۈرچىلىك، مىسكەرچىلىك، زەگەرلىك سايمىنى. ئۈستىگە مېتال قويۇپ، بازغان، بولقا بىلەن ئۇرۇپ ياپىلاقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئامەتنىڭ تېشى تۆمۈرچىنىڭ سەندىلىنى سۇندۇرار (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
چوغدان.
شاڭخەيدە كىشىلەر قىشتا سەندەلدە ئىسسىنىدىكەن.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئسىم.
يازلىق ئاياغ كىيىمى.
يازدا سەندەل كىيىپ يۈرىمەن.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
سەندەل دەرىخى.
سەندەل دەرىخى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يىغىسا يىققىلى بولىدىغان، كىچىك ھەم ئەپچىل قىلىپ ياسىلىدىغان بىر خىل ئورۇندۇق.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ياغىچى قارا - سېرىق رەڭلىك، ياغىچىنى كۆيدۈرسە بىر خىل خش پۇراق چىقىدىغان دەرەخ:
ۋائىز ئاقىل ئەيلەگچ مەۋئىزە مەجازدىن،
سەندەلى ئىشىق كەلتۈرۈڭ تۇتتى مېنى ئەجەب سۇرائ.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سەندەل دەرىخى (قارا سېرىق رەڭلىك، خۇشپۇراق ياغاچ).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چوغ سېلىپ ئىسسىقلىق ئېلىندىغان سايمان.
چوغداندىكى چوغ _ يالقۇنى يوق ئوت. سەندەل شاڭخەيدە قىشلىق ئىسسىقلىق ئالدىغان سايمان. ئوتداننىڭ ئوتى ئۆچسە، كۈلى كۆچىدۇ. ماڭغالغا ماختانما. ئوتقاشتىن ئوت ئالما.
ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆنەر - كەسىپ ئادەتلىرى
سەندەل - ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى قىشنىڭ سوغۇق كۈنلىرىدە ئاياغنى ئىسسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سايمان. ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا ياكى بىر چېتىگە ئۈستى يۈزى يېرىم كۋادرات مېتر، ئېگىزلىكى يېرىم مېتر كېلىدىغان تۆت پۇتلۇق بىر شىرە قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئاستىغا چويۇن، تۆمۈر ياكى مىستىن ياسالغان چوغدان (سەندەل) قويۇلىدۇ. چوغدانغا كۆيدۈرۈلۈپ ئىسى قالمىغان ئوتۇن كۆمۈرنىڭ ياكى ئىسسىز كۆمۈرنىڭ چوغى ئېلىنىدۇ. شىرە پاختىلىق كۆرپە ياكى يوتقان بىلەن پۈركەپ قويۇلىدۇ. پۇت - قولىنى ئىسسىتماقچى بولغان ئادەملەر پۇتىنى شىرە ئاستىغا تىقىپ ئولتۇرۇپ ئىسسىنىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا يارۇ بۇرادەرلەر يىغىلىپ سەندەل ئەتراپىدا ئولتۇرۇپ ھەنسۆھبەتتە بولىدۇ، كىتابخانلىق قىلىشىدۇ. بەزىدە يەنە شىرە ئۈستىگە داستىخان سېلىپ چاي ئىچىشىدۇ. قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇق كۈنلىرى ئاياغ تەرەپنى سەندەلنىڭ ئاغزىغا قارىتىپ ئورۇن تەييارلاپ ئۇخلاشقىمۇ بولىدۇ. سەندەلنىڭ ئۈستىگە بوۋاق بالىلارنىڭ بۆشۈك كۆرپىلىرى يېيىلىپ، ئىسسىغاندا كۆرپىنى بۆشۈككە سېلىپ بوۋاقنى بۆلىسە، بالا تولىمۇ راھەت ھېس قىلىدۇ. سەندەلنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەت بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ چوغدان قىسمى ئادەتتە چوڭقۇرراق بولۇپ، تۆت ئەتراپى يەر يۈزىدىن ئۈچ - تۆت سانتىمېتر ئېگىزرەك ياسىلىدۇ. (ر)
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
تۆمۈرچى، زەرگەر، مىسكەرلەرنىڭ تۆمۈر قاتارلىق مېتاللارنى ئۈستىدە قويۇپ، بولقا ياكى بازغان بىلەن ئۇرۇپ بىر نەرسە ياسايدىغان قۇيما ئەسۋابى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە<ھىندىچە
بوتانىكا
سەندەل ئائىلىسدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. ياغىچى چىڭ ۋە خۇش پۇراق، ئۇنىڭدىن قورال - جابدۇق ياسىغىلى، مېۋىلەرنى ئىسلىغىلى ياكى دورا ۋە پۇراقلىق ماتېرىياللارنى چەككىلەپ ئالغىلى بولىدۇ.
شۇ خىل دەرەخنىڭ ياغىچى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قىشنىڭ كۈنلىرى سوغۇقتا پۇت - قوللارنى ئىسسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، ئىچىگە چوغ سېلىپ قويۇلىدىغان، تەلەڭگە بىر خىل سايمان؛ چوغدان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە>گرېكچە
چەمى يۇپقا، پاشنىسىز ۋە يەڭگىل قىلىپ تىكىلىدىغان بىر خىل يازلىق ئاياغ كىيىمى، شىۋەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
يىغسا يىغقىلى بولىدىغان، كىچىك ھەم ئەپچىل قىلىپ ياسىلىدىغان بىر خىل ئورۇندۇق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
سەندەل دەرىخى.