UyghurMain Dictionary
سەلتەنەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھۆكۈمرانلىق، پادىشاھلىق، سۇلتانلىق:
دەبدەبە، تەنتەنە:
1. ئەگەر يۈز يىل ئەمىرى سەلتەنەت ئەۋجىگە يەتكەندە،
ۋۇجۇدۇم فانى ئەيلەپ، يەر پۈتۈپ قىلغاي ئانى مەھكەم.
ئەرشى.
2. ئەي نەۋايى، فەتر مۇملكىن تۇت غەنىمەت زىنھار،
كى غىنائۇ سەلتەنەتنىڭ كونتۇرۇر دەردى سەرى.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پادىشاھلىق، سۇلتانلىق؛ يېڭىش، غالىبىيەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
خان، ئەمىر، پادىشاھلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە شۇنداق ھۆكۈمرانلارنىڭ قول ئاستىدىكى دۆلەت ياكى ئۇلار يۈرگۈزگەن ھاكىمىيەت.
ھەيۋەت، سۈر، داغدۇغا، تەنتەنە، ھەشەمەت.
سەلتەنىتىنى ئاشۇرماق.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
پادىشاھلىق، سۇلتانلىق، مەملىكەت