UyghurMain Dictionary
سەلجۇق ئىمپېرىيىسى
دۇنيا تارىخى
سالجۇق تۈركلىرى غەربىي ئاسىيادا قۇرغان فېئودال دۆلەت. سەلجۇقلار ئەسلى گۇزز تۈركلىرىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئۇنىڭ سەردارى سەلجۇقنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. مىلادى Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا سەلجۇق ئۆز قەبىلىسىنى باشلاپ سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى رايونىغا كۆچۈپ بارغان. تەخمىنەن 985 - يىلى بۇخارانىڭ يېنىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەمدە ئىسلام دىنى سۈننىي مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغان. 1040 - يىلى سەلجۇقنىڭ نەۋرىسى توغرۇلبەگ قوشۇن باشلاپ، غەزنەۋىيلەر سۇلالىسىنى مەغلۇپ قىلغان. كېيىن تېزلىكتە ئىران ۋە ماۋرائۇننەھر ۋادىسىنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1055 - يىلى باغدادقا كىرىپ ئابباسلار خاندانلىقىنىڭ خەلىپىسىنى ئۆزىگە سۇلتان ئۇنۋانى بېرىشكەمەجبورلاپ، سەلجۇق ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. ئالپ ئارسلان (1063 - 1072 - يىللاردا تەختتەبولغان) ۋە مەلىك شاھ (1072 - 1092 - يىللاردا تەختتە بولغان) مەزگىلدە قۇدرەت تېپىپ سۈرىيە، پەلەستىن، گىئورگىيە (بۈگۈنكى گرۇزىيە)، ئەرمەنىستان ۋە كىچىك ئاسىيانىڭ كۆپ قىسمىنى بويسۇندۇرۇپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى قاراخانىيلار دەۋرىگە قارىغان. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشقا باشلىغان. رۇم سۇلتانلىقى كىچىك ئاسىيادا قۇرۇلغان. ئىراق، سۈرىيە، گېرمان قاتارلىق جايلاردايەرلىك خاندانلىقلار بارلىققا كەلگەن. ⅩⅡ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى قاراخىتايلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ئوتتۇرا ئەسىر رايونىدىن مەھرۇم بولغان. 1157 - يىلى ئىمپېرىيە ئاخىرلاشقان.