UyghurMain Dictionary
سازلىق
يەر يۈزى قىياپىتى
1934 - −1935 يىللىرى جۇڭگو ئىشچى - دېھقان قىزىل ئارمىيىسى25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا، چەكسىز ئوتلاقلاردىن بېسىپ ئۆتكەن، بۇ خىل ئوتلاقلار دەل سازلىقلاردىن ئىبارەت. سازلىق كۆپىنچە يەر يۈزى پەس بولغان رايونلارغا جايلاشقان. بۇ رايونلارنىڭ يەر تۈزۈلۈشى پەس ۋە تەكشى بولۇپ، يىغىلغان سۇلار بىرقەدەر كۆپ، ھاۋانىڭ تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر تۆۋەن، ھورلىنىش مىقدارى ناھايىتى ئاز بولىدۇ.
سازلىقلارنى شەكىللەندۈرىدىغان سەۋەب ئىككى خىل: بىر خىلى، سۇنىڭ سازلىقلىشىشىدىن ئىبارەت. دەريا، كۆل ۋە دېڭىزلارنىڭ بويلىرى ياكى تېيىز سۇ رايونىدا، لاي - قۇملار كۆپ مىقداردا يىغىلىپ سۇ ئۆسۈملۈكلىرى بولۇق ئۆسىدۇ، بۇنىڭغا مىكرو ئورگانىزملارنىڭ سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ قالدۇقلىرىنى پارچىلىشى قوشۇلۇپ تەدرىجىي ھالدا سازلىقلارغا ئۆزگىرىدۇ. يەنە بىر خىلى بولسا، قۇرۇقلۇقلارنىڭ سازلىقلىشىشىدىن ئىبارەت، ئورمانلىق چىملىق، ئازگاللىق ۋە مەڭگۈلۈك توڭ توپا بەلۋاغلىرىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى پەس ۋە تەكشى، يانتۇلۇقى كىچىك بولۇپ، سۇ چىقىرىشى راۋان بولمىغاچقا، يەر يۈزى ھەددىدىن زىيادە نەملىشىپ، نەملىكنى ياخشى كۆرىدىغان ئۆسۈملۈكلەر كۆپىيىدۇ، ئۆسۈملۈكلەر يەنە چىرىپ، قارا رەڭلىك تورفلۇق قەۋەتنى ھاسىل قىلىپ، تەدرىجىي ھالدا سازلىقنى شەكىللەندۈرىدۇ.
دۇنيادىكى سازلىقلار ئاساسەن ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان، ئۇنىڭ ئىچىدە غەربىي سىبىرىيىدىكىسىنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ياۋروپا بىلەن شىمالىي ئامېرىكىدىمۇ قىسمەن دائىرىدە سازلىق بار. ئېلىمىزدىكى سازلىقلار ئاساسەن شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ دەريا تۈزلەڭلىكى، چوڭ - كىچىك ھىنگان تاغلىقى، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى ۋە بەزى ئېگىز تاغلىق رايونلارغا جايلاشقان.
سازلىق رايونلىرىدىكى ئۆسۈملۈك يېپىنچىلىرىنىڭ ھەممىسى نەملىكنى ياخشى كۆرىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەردىن ئىبارەت، ئاساسلىقى قىياق، قوغاجاي، سىفاگنۇم مۇخى قاتارلىقلار. سازلىقلاردا زىرائەتلەر ئۆسەلمەيدۇ، بەزى سازلىقلار ناھايىتى چوڭقۇر پاتقاقلىقتىن ئىبارەت، قارىماققا ياپيېشىل گىلەمنى يەرگە سېلىپ قويغاندەك كۆرۈنىدۇ، دەسسەش بىلەنلا ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ. ئەينى يىللىرى نۇرغۇنلىغان قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى مانا مۇشۇنداق سازلىقلاردا قۇربان بولغان، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى يېشىل تۇزاق دەپ ئاتىشىدۇ. ھازىر كۆپلىگەن سازلىقلار مۇنبەت ئېتىزلارغا ئۆزگەرتىلمەكتە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ياخشىلىق، ئېسىللىك؛ يېقىملىقلىق، مۇڭلۇقلۇق.
ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ سازلىقى قىسسىلەردە يېزىلغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
جۇغراپىيە
سۈيى ۋە ئوت - چۆپلىرى بولغان پاتقاق جاي.