UyghurMain Dictionary
سازەندە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ساز چالغۇچى، سازچى، مۇزىكانت.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
چالغۇچى، سازچى، ئويۇنچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەر خىل چالغۇ ئەسۋابلىرىنى چالىدىغان كىشى.
تويغا سازچىلار تەكلىپ قىلىندى، نەغمە - ناۋا قىلىمىز. مەشرەپكە سازەندە كېرەك. چالغۇچىلارنى ھۈرمەتلەش كېرەك. بىزدىن چوقۇم ياخشى مۇزىكانتلار يېتىشىپ چىقىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بىر ياكى بىر قانچە سازنى مۇكەممەل چېلىشنى بىلىدىغان كىشى، سازچى، مۇزىكانت.
زىكرى ئەلپەتتا ئۇستا سازەندە بولۇپ، غۇلجىدا تۇغۇلغان.