UyghurMain Dictionary
ساۋونارولا
دۇنيا تارىخى
(1452 - 1498) ئىتالىيىلىك سىياسىئون ۋە دىن ئىسلاھاتچىسى. فېررارادىكى بىر دوختۇر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1475 - يىلى بولونادا دومىنگو جەمئىيىتىگە كىرگەن. 1482 - يىلى فلورېنسىيىگە كۆچۈپ بارغان. 1491 - يىلى فلورىنسىيىدىكى سېن مارك موناستېرىنىڭ باشلىقى بولغان. 1494 - يىلى فلورېنسىيە خەلق ئاممىسىغا رەھبەرلىك قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مېدىچ جەمەتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇمھۇرىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەمدە بەزى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قوللانغان، مەسىلەن،مۇقىم مۈلۈككە قارىتا دارامەتكە قاراپ ئېشىپ بارىدىغان باج ئېلىش، جازانىخورلارنى قوغلاپ چىقىرىش، تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز تارقىتىش قاتارلىقلار؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە نۇرغۇن ھەشەمەتلىك كىيىم - كېچەك، ئۈنچە - مەرۋايىت، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى، سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە كىتابلار (جۈملىدىن دانتې، بوككا چىئو ۋە پېتىراركنىڭ ئەسەرلىرى)نى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان، دەھرىي مۇزىكىلارنى مەنئىي قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇقەددەس ناخشىلارنى قويغان. 1497 - يىلى پاپا ئالېكساندر Ⅵ ساۋونارولانىڭ دىندىن چىقىرىلغانلىقى جاكارلانغان، شۇنداقلا ئەھلىسەلىپ ئۇيۇشتۇرۇپ فلورېنسىيىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولغان. مېدىچ جەمەتىنىڭ قوللىغۇچىلىرىمۇ ھەدەپ جۇمھۇرىيەتكە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. 1498 - يىلى 5 -ئايدا ساۋونارولا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئەسىرگە ئېلىنىپ، بىدئەتلىك جىنايىتى بىلەنكۆيدۈرۈش جازاسى بېرىلگەن. 1512 - يلى مېدىچ جەمەتى فلورېنسىيىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرگەن.