UyghurMain Dictionary
ساۋوي خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
ئىتالىيىدىكى ساۋوي جەمەتى قۇرغان خاندانلىق. Ⅺ ئەسىردىن باشلاپ ساۋوي جەمەتى ساۋوي (ھازىرقى فر انسىيىنىڭ شەرقى جەنۇبى ۋە ئىتالىيىنىڭ غەربىي شىمالىي رايونى) ۋە پېمونتېغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 15 - ئەسىردە كىنەزلىك بولغان.1720 - يىلى ئامېدېئو Ⅱ ساردېن پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 1861 - يىلى ئېممانۇئېلى Ⅱ ئىتالىيىنى ئاساسەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىتالىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان (<ئىتالىيىدىكى گۈللىنىش ھەرىكىتى>گە قاراڭ). 1946 - يىلى پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق، پادىشاھلىق تۈزۈم بىكار قىلىنغان، ساۋوي خاندانلىقى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان.