Uyghur←ChineseMain Dictionary
سارمىيېنتو
Domain: دۇنيا تارىخى萨米恩托
sà mǐ ēn tuō
(1811 - 1888). ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى (1868 - 1874). روساس مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا پائال قارشى تۇرغان. چىلىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، چىلىدا تۇنجى ئەرلەر سىفەن مەكتىپىنى ئېچىشقا ياردەملەشكەن. <تەرەققىپەرۋەر گېزىتى> قاتارلىق ژورناللارغا رىياسەتچىلىك قىلغان. 1846 - 1847 - يىللىرى ياۋروپا، ئافرىقا ۋە ئامېرىكىنى ساياھەت قىلغان. 1851 - يىلنىڭ ئاخىرى ۋەتىنىگە قايتىپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قاتناشقان. روساس ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان ھەمدە ئۆلكە باشلىقى، جامائەت مىنستىرى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇقلۇق ئەلچى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە، ئارگېنتىنانىڭ مەدەنىي - مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرغان، تۈرلۈك سىفەن مەكتەپلىرىنى، كۇتۇپخانا، تىياتىرخانا ۋە ئىلىم - پەن ئاپپاراتلىرىنى قۇرغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئاخبارات ۋە مائارىپ خىزمىتىگە كۈچ چىقارغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن <مەدەنىيەت ۋە ياۋايىلىق: خۇئان فاكومدو كىروكانىڭ ھاياتى>، <چەت ئۆلكىلەر ھەققىدە ئەسلىمىلەر>، سىياسىي ئوبزور <ئاممىۋى مائارىپ> ۋە <ساياھەت خاتىرلىرى> قاتارلىقلار بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.