Lughet
DictionaryUyghurسار مەسىلىسى
UyghurChineseMain Dictionary

سار مەسىلىسى

دۇنيا تارىخى 萨尔问题 sà ěr wèn tí سار گېرمانىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا، جەنۇبىي فرانسىيە بىلەن چېگرىداش، گېرمانىيەنىڭ مۇھىم كۆمۈر بازىسى بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىت گېرمانىيە بىلەن فرانسىيەنىڭ تالىشىش ئوبىكتى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، <ۋېرسال شەرتنامىسى> دىكى بەلگىلىمە بويىچە سارنى خەلقئارا ئىتتىپاق فرانسىيىنىڭ 15 يىل ۋەكالىتەن باشقۇرىشىغا ھاۋالە قىلغان. سار كۆمۈركانىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئېچىش ھوقۇقى فرانسىيىدە بولغان. 15 يىلدىن كېيىن، سار رايونىدىكى ئاھالە ئاۋاز بىرىش يولى بىلەن ئۆزىنىڭ تەۋەلىكىنى بەلگىلەيدىغان ياكى ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قالىدىغان ياكى فرانسىيەگە قوشۇلىدىغان، ياكى گېرمانىيىگە قوشۇلىدىغان بولغان. 1935 - يىل 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، گېرمانىيە فاشىستىلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن، سار رايونىدا پۇقرالار ئاۋاز بىرىپ، 90 پىرسەنت ئاۋاز گېرمانىيىگە قوشۇلۇشنى تەشەببۇس قىلغان. خەلقئارا ئىتتىپاق سار رايونىنىڭ 1935 - يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ گېرمانىيىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
Rate this entry

Same word in other sources

سار مەسىلىسىUyghurMain Dictionary

Related words

مەسىلىسىUyghurChineseساناق مەسىلىسىUyghurChineseمەسىلىسى بارUyghurChineseسۆز مەسىلىسىUyghurChineseسومكا مەسىلىسىUyghurChineseھىل مەسىلىسىUyghurChinese
← Search