UyghurMain Dictionary
ساق
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
1 . كېسەلدىن خالىي، ساغلام، سالامەت.
دادىڭىز ساقمۇ؟ ساق - سالامەت تۇردىمۇ؟ * دانا قەدرىنى نادان بىلمەس، ئاغرىق دەردىنى ساق (ماقال) . * تەن ساقلىق دۆلەت. * ساق كۆز يىغلىسا، قارىغۇ كۆزدىن ياش چىقار (ماقال) .
2 . پۈتۈن، تولۇق، زىدە ئەمەس، ئەيىب، نۇقساندىن خالىي. تازنى تاز دېسە ئۆلگۈسى كېلەر، ساقنى تاز دېسە كۈلگۈسى كېلەر (ماقال) . * مۈشۈكى ياخشى ئۆينىڭ تاغىرى ساق (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
ھوشيار، زېرەك، سەگەك.
ئۆزەڭنى ساق تۇت قوشناڭنى ئوغرى تۇتما (ماقال) . * سېغىزخاندىن ساق ئادەم ئۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئوشۇق ئويۇنلىرىدا تىككەن ئوشۇقلارغا ئاتىدىغان مەخسۇس «كوزىر» ئوشۇق.
ساقىسى ئالچۇ چۈشمەك.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بالدۇر، ئىلگىرى، بۇرۇن:
سەندىن ئېرۇر مەرتەبەئى ساق ئەرش،
سەندىن ئېرۇر غۇلغۇلەتا تەھتى فەرش.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تېز بىلەن ئۇشۇق ئارىلىقى، دەرەخ تانىسى، ئۆسۈملۈك پايىسى؛ غۇل، بادار، ئۇچ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بۇزۇلمىغان، پۈتۈن.
ساق يىقىلار، سۆڭىكى ساق قالار. چىۋىن ساق تۇخۇمغا قونمايدۇ. ئۆزۈڭ بېجىرىم بولساڭ، گەپ - چۆچەكتىن قورقما.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېسىلى يوق، ئاغرىق - سىلاقتىن خالىي.
ساقلانساڭ، ساق بولىسەن. ساق كۆز يىغلىسا، قارىغۇ كۆزدىن ياش چىقار. سالامەت تەندە ساغلام ئەقىل. ساغلام روھ بولمىسا، ساغلام تەن بولماس. كىيىشىم ماتا، تېنىم تازا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھوشلۇق، ئەقلى - ھوشى جايىدا بولغان بىرەر تەسىر ياكى ھادىسىنى تېز سېزىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان، زېرەكلىك ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرىدىغان.
ھوشيار ئات يىرتقۇچقا يەم بولماس. ھوشيار بولساڭ، ئاپەت كۆرمەيسەن. سەركە سەگەك بولسا، مالغا ئاپەت كەلمەس. سۈتتىن ئاق، سېغىزخاندىن ساق. سىنىماي بىرىنى تۇتمىغىن ھەمراھ، ئاڭلىغاندىن كۆرگەن باشقا، بول ئاگاھ، ئاگاھ بولساڭ، ئاداشمايسەن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئاغرىق - سىلاق، كېسەلدىن خالىي.
ئاغرىق، كېسەل، بىتاپ، بىمار، خەستە، كەم ، ساقسىز، تاۋى يوق، مىجەزى يوق
تەن ساقلىقىدىن ئايرىلغان.
ساق يېرىمنىڭ ھالى يوق، ئاغرىق يېرىمنىڭ تايىنى يوق. تېنى ساققا تەمسىز تاماق يوق. ساغلام تەندە ئۈمىد بار، ئۈمىد بولسا ھەممە بار. سالامەت تەندە ساغلام ئەقىل. ئىككى كېسەل بىللە كەتتى، ساق بېرىپ، سالامەت قايتسۇن. كىيىشىم ماتا، تېنىم تازا. ئاغرىق بىلەن تازىلىق ئاراز. ھەر كىم ئۆز ئاغرىقىنى سۆزلەيدۇ. كېسىلىگە قاراپ دورا بەر. خەستە كىشىگە يول خەت كېسىلمەيدۇ. بىتاپ بولساڭ ئاپتاپقا چىق. بىمارغا بال ئاچچىق. بىر يېرىم كەم تۇرىدۇ، - دېدى ئاتام. مىجەزى يوقنىڭ ھالى يوق. ساقسىزنى قويۇپ ساقنى يۆلەپتۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەقلى - ھوشى جايىدا.
ساراڭ، جىندى، تەلۋە، ئېلىشاڭغۇ، بىر ۋىنتىسى كەم، بېشىدا زاغۇنى (سۈيى) بار، بىر تاسقام بار
ئەقلىدىن ئاداشقان.
ساراڭنىڭ ئوڭى يوق، پاشىنىڭ قوڭى. ئوڭ ساراڭدىن قورقماس. ساراڭ يۈگۈرگەن ياققا ساقمۇ يۈگۈرەر. قارا ئاقارماس، ساراڭ ساقايماس. جىندى جېنىدىن جۇدا بولمىغۇچە تۈزەلمەس. بىر ئېلىشاڭغۇ مىڭ ساقنى كاردىن چىقىرار. تەلۋە زەنجىر ئۈزەر. ئۇنىڭ بىر ۋىنتىسى كەم ئوخشايدۇ، يوقىلاڭ گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ. بېشىدا زاغۇنى (سۈيى) بار ئادەمگە ئەقىل ئۆگىتىمەن دەپ ئاۋارە بولما. ئۇنىڭ كاللىسى جايىدا ئەمەس، بىر تاسقام بار كۆرۈنىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تېنى جايىدا، ھەممە ئەزالىرى تولۇق.
مېيىپ، ئەيىبناق، ناكار
بىرەر ئەزاسىدىن ئايرىلغان ياكى كېسەللىك بەلگىسى قالغان.
ساق يىقىلار، سۆڭىكى ساق قالار. بېجىرىم بۇزۇلماس. مېيىپنى مازاق قىلغانلار - كاللىسى مېيىپ بولغانلار. كىشى تۇغۇلغاندا ئەيىبناق بولمايدۇ. يىقىلىپ ناكار بولغۇچە، ئىشلەپ ئىشكار بول. تازنى تاز دېسە، ئۆلگۈسى كېلەر، ساقنى تاز دېسە كۈلگۈسى. سۇنۇقنىڭ دەردىنى ساق بىلمەس. ساق كۆز يىغلىسا، قارىغۇ كۆزدىن ياش چىقار. ساقتىن زېرەك گاچا بار، شاختىن چىڭراق ئاچا بار. پۇچۇق بۇرۇن ساق بۇرۇننى كۆرەلمەيدۇ. گاس ساققا گەپ ئۇقتۇرالماپتۇ. توكۇر ساقنى يېتىلىمەس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بۇزۇلمىغان.
بۇزۇق، سۇنۇق
بۇزۇلغان، سۇنغان.
ساق تۇخۇمغا چىۋىن قونماس. خوتۇنى ياماننىڭ قازىنى سۇنۇق، ئېرى ياماننىڭ پىچىقى پۇچۇق. بۇزۇق ئوقيا ئاتقاننىڭ ئۆزىمۇ قورقار، ئالدىدىكى ئاەممۇ قورقار. نېنى پۈتۈننىڭ تېنى پۈتۈن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەقلى - ھوشى ئۆتكۈر، سەزگۈ - تۇيغۇسى ئىتتىك. ئىش - ھەرىكەتنى تېز ۋە ئاسان بىلىۋالىدىغان.
بىخۇت، گاراخ، گاراڭ
ئەقلى - ھوشى جايىدا ئەمەس، ئىش - ھەرىكەتنى ئاسان سەزمەيدىغان.
يالغۇز يۈرگەن ھوشيار بولسا، باياۋاندىمۇ بۆرىگە يەم بولماس. بىخوت يىگىت بېشىنىڭ نەدە كېسىلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. ھەرقانداق سەزگۈر ئادەممۇ دۈمبىسىنى كۆرەلمەس. ساقىي بولساڭ، ساق بول. تۇيغۇن تۇيدۇرمايدۇ، گاراڭ گاڭگىرايدۇ. ئىسلام يەر تېگىدە يىلاننىڭ كۆشىگىنىنى بىلىدىغان تۇيغۇن يىگىت.
شىۋىلەر
ھۇشيار، سەگەك، مەسىلەن: سۈتتىن ئاق، سېغىزخاندىن ساق ( ماقال ).
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
دىققەت بىلەن، تىرىشچانلىق بىلەن
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
كېسەلدىن، زەخىملىنىشتىن خالىي؛ ساغلام.
تەن ساقلىق دۆلەت.
تەركىبىدە زىيان - زەخمەت يەتكەن، بۇزۇلغان جايى بولمىغان؛ بۇزۇلمىغان.
يىگىت سىلەرنىڭ تېخنىك بۆلۈمىدە مۇشۇنداق ساق نەرسىنى بۇزىدىغان ئىش بارمۇ؟
ئەيىب، نۇقسان، يامان ئىللەتتىن خالىي؛ پاك ساپ.
تازنى تاز دېسە ئۆلگۈسى كېلەر، ساقنى تاز دېسە كۈلگۈسى كېلەر (ماقال).
كۆچمە. تىرىك، ھايات.
بالامنىڭ ئۆلۈكىگىمۇ، تىرىكىگىمۇ سىلى ئىگە، مەن سىلىگە ئۇنى ساق تاپشۇرغان.
كەم - زىيادىسى يوق، دەل، تولۇق.
مېنى ساق بىر ئاي كېسەك قۇيدۇردى.
كۆچمە. ھۇشيار، سەگەك.
سېغىزغاندىن ساق ئادەم.