UyghurMain Dictionary
ساففارىيلار سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
(مىلادى Ⅸ ئەسىردىكى ئىراننىڭ شەرقىدىكى يەرلىك فېئودال خاندانلىق). مىلادى 867 - يىلى، سېستانئۆلكىسى (ھازىرقى ئىران بىلەن ئافغانىستان چېگرا رايونى) ھەربىي قىسىملار قوماندانى ياقۇب ئىبن لايىش (867 - 879 - يىللىرى تەختتە تۇرغان) قۇرغان. ئۇنىڭ لەقىمى <ساففار>(مەنىسى <شېكەر>) بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. كېيىن يەنە ھېرات، كىرمان، شىراز، بەلىخ، كابۇل قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلغان. 873 - يىلى تاھىرىيلەر سۇلالىسىنى يوقاتقان، خوراساننى تارتىۋالغان ھەمدە تەبەرىستان (ھازىرقى ئىچكى دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى رايونلار)غا يۈرۈش قىلغان.876 - يىلى باغدادقا يۈرۈش قىلىپ، مەغلۇپ بولغان. ئامر ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە(879 - 900)، ئوتتۇرا ئەسىردىكى سامانىيلار سۇلالىسى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالاشقان. 900 - يىلى ئامرنىڭ ئەسكەرلىرى يېڭىلىنىپ ئۆزى ئەسىرگە چۈشكەن، ساففار خاندانلىقىنىڭ سېستان ئۆلىسىدىن باشقا زېمىنى پۈتۈنلەي قولدىن كېتىپ، سامانىلار سۇلالىسىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان.