Uyghur←ChineseMain Dictionary
سانتياگو خىتابنامىسى
دۇنيا تارىخى
圣地亚哥宣言
shèng dì yà gē xuān yán
يەنى <دېڭىز - ئوكيان رايونى توغرىسىدىكى سانتياگو خىتابنامىسى>. لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى تۇنجى قېتىم ئىمزالىغان 200 دېڭىز مىلى دېڭىز - ئوكيان ھوقۇقى خىتابنامىسى. 1952 - يىلى 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چىلى، ئېكۋادور ۋە پېرودىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت چىلىنىڭ پايتەختى سانتياگودا ئىمزالىغان. ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمىتى <دۆلەتلىرىمىزنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا يانداش بولغان ھەمدە دېڭىز ساھىللىرىمىزدىن يىراقلىقى 200 دېڭىز مىلىنىڭ ئىچىدەبولغان دېڭىز - ئوكيان رايونلىرىمىزغا مەخسۇس ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تەۋەلىك ھوقۇقى يۈرگۈزىمىز> يەنى <بۇ ئۆزىمىزنىڭ دېڭىز قىنى ۋە دېڭىز ئاستى تۇپرىقىمىزغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى ۋە تەۋەلىك ھوقۇقىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ>، <بارلىق دۆلەتلەر پاراخوتلىرىنىڭ يۇقىرىدا دېيىلگەن دېڭىز رايونلىرىمىزدا دەخلىسىز ئۆتىشىگە يول قويۇلىدۇ>. دېگەننى جاكارلىغان. ئۈچ دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ دېڭىز تەۋەسىگە ئامېرىكا بېلىقچىلىق كېمىلىرىنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 1954 - يىل 12 - ئاينىڭ 4 -كۈنى پېرۇنىڭ پايتەختى لىمادا قوشۇمچە كېلىشىم <لىما خىتابنامىسى>نى ئىمزالاپ، شەرتنامە تۈزۈشكە دۆلەتلەر ئىچىدىكى بىرەر دۆلەتنىڭ دېڭىز - ئوكيان رايونى قوراللىق تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان بولسا، شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر ھەرىكەت قوللىنىپ، <تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشى> كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن