Uyghur←ChineseMain Dictionary
سانتىياگو
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر圣地亚哥
shèng dì yà gē
چىلى جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ شەھىرى، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. ئۇ دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ماپوچۇ دەريا بويىغا جايلاشقان. غەربىي قىسمى چىلىنىڭ ئەڭ چوڭ پورتى ۋالپارايسو بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 كېلومېتىر كېلىدۇ. شەھەر ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 4 مىليون 294 مىڭدىن ئوشۇق (1982). سانتىياگو شەھىرى 1541 - يىلى سېلىنىشقا باشلىغان. 1818 - يىلىدىن باشلاپ دۆلەتنىڭ پايتەختى بولغان. سانتىياگو دۆلەتنىڭ مۇھىم سانائەت بازىسى، بۇ جايغا پۈتۈن دۆلەتتىكى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ 54% ى توپلانغان. ئاساسىي سانائەت تارماقلىرىدىن مېتاللۇرگىيە، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچەك، كىيىم - كېچەك، ماشىنىسازلىق، قەغەز ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ مەركىزىدىكى سانت لۇسىيە تېغىغا چىقىپ تۆۋەنگە قارىسا پۈتۈن شەھەرنىڭ مەنزىرىسىنى ئوچۇق كۆرگىلى بولىدۇ. سانتىياگو شەھىرى تۆمۈريول، تاشيوللار ئارقىلىق دۆلەتنىڭ باشقا چوڭ شەھەرلىرى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. شەھەردە تەرەپ - تەرەپكە كەتكەن تاشيوللار ناھايىتى كۆپ.
Domain: ئۇنىۋېرسال圣地亚哥
shèng dì yà gē
GetWord Corpus
9圣地亚哥
圣地亚哥【地名】
shèng dì yà gē9驿地亚哥
驿地亚哥【世界各国】
yì de yàgē
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.